شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقى «خاس» بولۇشتىن «كۈچلۈك» بولۇشقا ئۆزگەردى发表时间:2022-07-14 09:33来源:تىيانشان تورى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىي قىلدى «ئىككى تور» كۈچ چىقاردى شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقى «خاس» بولۇشتىن «كۈچلۈك» بولۇشقا ئۆزگەردى □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى باغ - ئورمانچىلىق شىنجاڭنىڭ ئەڭ خاس ئەۋزەل كەسپى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» پائال بەرپا قىلىنىپ، باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۈپىتى ۋە كۈنسېرى ئەلالاشقان كەسىپ ئەندىزىسىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ سۈپىتى ياخشى باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئورنىنىمۇ ئىلگىرىكى «خاس» كەسىپتىن قاپلاش دائىرىسى كەڭ، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇسى كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان «تۈۋرۈك» تىپىدىكى كەسىپكە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بازار ئېچىلدى سېتىش يوللىرى كېڭەيدى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى شەكىلسىز تور شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تايانچ بولۇپ، خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى چوڭ بازارلارغا يۈزلىنىشىگە تىرەك بولۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىغا ماڭدى. 2014 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىنى داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى. سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باغ - ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ۋاسىتىچىلەرنى تىرەك قىلغان، دەرىجىگە ئايرىپ يىغىش، يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش، پىششىقلاش - توشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېتىۋېلىش - سېتىش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدا سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2018 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) سودا بازىرىنى قۇرۇپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ جايدىكى ياڭاقنى «سېتىش قىيىن بولۇش» ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. «ئىلگىرى ياڭاقنى يىغىۋالغاندىن كېيىن كۈندە بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق، بەزىدە بىر يىلدىمۇ سېتىپ بولالمايتتۇق. ھازىر كەسپىي بازار بار بولدى، قاچان ساتقىمىز كەلسە شۇ چاغدا ساتىمىز، بىر ئايدىلا ياڭاقنى سېتىپ بولالايمىز.» خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى باغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىمەت روزى مۇنداق دېدى: بازار ياڭىقىمىزغا سېتىش يولى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ياخشى باھانىمۇ ئېلىپ كەلدى، سۈپىتى ياخشى ياڭاق مېغىزىنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ياڭاق مېغىزىنىڭكىدىن %30 يۇقىرى، ئۆزىمىزمۇ ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق سورتىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا تايىنىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلى 9 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) سودا بازىرى سېتىش يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويىدۇ، ياڭاقنىڭ كۈندىلىك سودا مىقدارى 3000 توننىدىن 5000 توننىغىچە يېتىدۇ، بازارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى شۇ جايدىكى ياڭاقنىڭ سېتىش دەۋرىيلىك مەزگىلىنى ئىلگىرىكى ئون ئاي ئەتراپىدىن تۆت - بەش ئايغا قىسقارتتى، سۈپەتكە قاراپ باھا قويۇش باغۋەنلەرنى ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلىدى. يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پائال تۈردە سۇپا قۇرۇپ، ئامبار سېلىپ، تور نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلاردا ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزىدىن 17نى قۇردى، تىجارەت، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 713 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا 5000دىن ئارتۇق تور نۇقتىسى قۇرۇلدى، يېڭى مەھسۇلاتلار دۇكىنى، مەخسۇس پوكەي ھەم ماركېتىڭ تور نۇقتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مەركىزىي شەھەرلەرنى قاپلىدى. بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يەنە بېيجىڭ شوۋنوڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «ئەمەلىي گەۋدە + ئالاقە تورى» تور سىرتىدا ۋە توردا يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ. «ئىككى تور» توقۇلغانسېرى زىچلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرى ماڭغانسېرى كېڭىيىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە ئۇل سېلىپ، شىنجاڭ باغ - ئورمان «ئالتۇن ۋىۋىسكا»سىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. ماھارەت يېتىلدۈرۈلدى سۈپەت ئۆستۈرۈلدى سۈپەت باغ - ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئاچقۇچى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، مېۋىلىك باغلارنى رەتلەش، شالاڭلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، مېۋىلىك باغلارنىڭ تۇپراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، يەرنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق، باغ - ئورماننى ئۇنىۋېرسال پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «ئوخشاشلا ياڭاق، سورتى ئوخشىمىغاچقا، پەرقى ناھايىتى زور.» قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى سايات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنتوختى ھېيت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆستۈرگەن ياڭاق دەرىخىنىڭ سورتى كونا بولۇپ، ياڭاقنىڭ پوستى قېلىن، مېۋىسى كىچىك ھەم مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن ئىدى. 2016 - يىلى، مەن ئۈچ مو يېرىمدىكى ياڭاقنى ئۇلاپ ئەلا سورتقا ئۆزگەرتتىم، تېخنىك خادىملارنىڭ ياردىمىدە، ئىلمىي ئوغۇتلاش، ياڭاق دەرىخىنى پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، ياڭاقنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى، مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، شۇنداقلا سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايدىغان بولدۇم. دېھقانلاردىكى ئىشەنچ سۈپەتتىن كېلىدۇ، سۈپەتنىڭ مەنبەسى تېخنىكىدا. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە 767 كىشىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە دائىم تۇرۇپ، باغ - ئورمان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردىكى 12 مىڭ 700 ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ 2 مىليون 340 مىڭ مو يېرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سورتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە دەرەخ تۈرى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، باغ - ئورمان سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون باغ - ئورمانچىلىقنى «ئۆلچەملەشتۈرۈش» تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە باغ - ئورمانچىلىقنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى 364 تۈرگە يەتتى، بۇ، دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 28 تۈر، ئورمانچىلىق كەسپى ئۆلچىمىدىكى 31 تۈر ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىدىكى 305 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، باغ - ئورمان سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىش، سۈپەتنى دەرىجىگە ئايرىش، پىششىقلاش، ساقلاش - توشۇش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلىغان ئۆلچەم سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. بىر قاتار ئۆلچەم سىستېمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، باغ - ئورمان مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، 2017 - يىلىدىكىدىن 1 مىليون 150 مىڭ توننا ئېشىپ، 55 مىليارد 900 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭنىڭ تاۋار مېۋە نىسبىتى %86كە يەتكەن بولۇپ، 2017 - يىلىدىكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى، %80تىن ئارتۇق مەھسۇلات شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلدى، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىدا ھوسۇل ۋە سۈپەتتە «قوش ھالقىش» ئىشقا ئاشتى. زەنجىر پۇختىلاندى كەسىپ كۈچەيتىلدى باغ - ئورمانچىلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشىدە، ئاخىرقى ھېسابتا كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىپ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغ - ئورمانچىلىق تەرەققىياتىدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇستەھكەملەندى. پىششىقلاش زەنجىرىنى ئۇزارتىش جەھەتتە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چىلان، ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، پۈتۈن شىنجاڭدا 70تىن ئارتۇق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزدى، يېڭىدىن قۇردى. شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدىكى بەش ياغدا پۇشۇرۇلغان چىلان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى ئون توننا ئەتراپىدا چىلان پىششىقلىيالايدۇ. «پىشىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى توڭلىتىش ۋە ياغدا پىشۇرۇش ھۈنەر سەنئىتى ئارقىلىق چىلاننى سۇسىزلاندۇرۇپ، بازاردا ئالقىشلىنىدىغان ئۇششاق يىمەكلىككە ئايلاندۇردى، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىش بىلەن بىللە، يەنە مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئاقسۇ بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىنچى مۇنداق تونۇشتۇردى: پىششىقلانغان چىلاننى ئەسلىدىكى مېۋىگە سېلىشتۇرغاندا، قوشۇلما قىممىتى %50 ئەتراپىدا ئۆسۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى. ماركا قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونىمىز باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تاۋار ماركىسىدىن 5615نى، باغ - ئورمان تۈرىدىكى جۇغراپىيەلىك ئېتىراپنامە بەلگىسىدىن 36نى يېتىشتۈردى، ئېكسپورت قىلىش بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان مېۋىلىك باغدىن 132نى تىزىملىدى، جىڭنىڭ ئالقىتى قاتارلىق بەش جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسى «جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى»گە كىرگۈزۈلدى، پەيزاۋات شىنمېيى قاتارلىق ئون مېۋە تۈرى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا مەھسۇلات بولۇپ تاللاندى. كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنى ئىلگىرىكى نوقۇل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش تىپىدىكى كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى كارخانىسىغا ئايلاندۇردى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، كارخانا بازارغا تايىنىپ جەمئىي 1 مىليون 62 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىۋالدى ھەم «شىركەت + دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئەندىزىلەرگە تايىنىپ، 2 مىليونغا يېقىن يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلاردا 12 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. كەسىپنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ خاس مېۋىلىرىنى يىللىق يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاش ئىقتىدارى 4 مىليون 540 مىڭ توننىغا يەتتى، چىلان ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدا پىششىقلىنىش كۆلىمى %10كە يەتمەيدىغان سەۋىيەدىن %50تىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆستى، باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيە، شەھەرلەردە %50تىن ئاشتى. كەسىپ تەرەققىياتى ياخشى، تۈرتكىلىك، تىرەكلىك رولى كۈچلۈك بولغان شىنجاڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقى «خاس» بولۇشتىن «كۈچلۈك» بولۇشقا ئۆزگىرىش جەريانىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. |