ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئەرلەردە بۇ 3 خىل كېسەللىك كۆرۈلگەندە چوقۇم ھوشيار بولۇشى كېرەك!

发表时间:2022-07-16 16:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

ئىجتىمائىي رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغاچقا، ئەرلەر غايەت زور بېسىم ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ ھەم دائىم تۈنەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، ئۈچ ۋاق تامىقىمۇ مۇقىم بولمايدۇ، يەنە كېلىپ ھاراق ئىچىش، مېھماندارچىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەدەندە ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، شۇڭا، ئەرلەر چوقۇم تۆۋەندىكى 3 خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەلگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

1. ئاشقازان كېسىلى

ئەرلەر دائىم تۈنەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكە، قورسىقى تويسىلا ئۇخلايدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ناشتا قىلمايلا ئىشقا ئالدىرايدۇ، ئاندا-ساندا ھاراق بار سورۇندا مېھماندارچىلىقىغا بارىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر كىچىك كېسەللەرگە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ، بۇ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

تەكلىپ:

① ۋاقتىدا ناشتا قىلىش، يىنىك ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى يېيىش كېرەك.

② چۈشلۈك تاماقتا تويغۇچە يېيىش، گۆشلۈك-گۆشسىز تاماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، مايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى تاماقلارنى تاللىماسلىق كېرەك، شارائىت يار بەرسە يەنە بىر كىشىلىك شورپا، مەسىلەن، قوۋۇرغا شورپىسى، كاۋا شورپىسى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

③ كەچلىك تاماقنى ئاددىيراق قىلىپ، مايسىز گۆشسىز قورۇمىلاردىن ئازراق يەپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان كالا گۆشى، توخۇ گۆشى، ئاز مىقداردىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

2. جىگەر كېسىلى

ھاراق ئىچىش جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، دائىم سىرتقا چىقىپ يەپ-ئىچىپ بەرگەندە، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

تەكلىپ :

① ھاراق تاشلاش، زۆرۈر بولمىغان مېھماندارچىلىقنى ئازايتىش، مايلىق، يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كېچىلىك تاماقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

② يېتەرلىك ئۇيقۇ جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا پايدىلىق.

③ كەيپىياتنى چىقىرىشنى ئۆگىنىپ، پىسخىكىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىش.

3. بۆرەك زەئىپلىشىش

خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

تەكلىپ :

① ساغلام ئوزۇقلىنىش، تەبىئىي كۆكتات، مېۋە-چېۋە، پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپرەك يېيىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

② ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش.

③ يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش.

قىسقىسى، بەدەن ئاساسى ساغلاملىقى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت ۋە ئىقتىدار بولىدۇ. ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە گۈزەل كەلگۈسى ئاتا قىلىش ئۈچۈن، بۇ بەدەن مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.


分享到: