يالىڭاچ ئۇخلىغاندا بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟发表时间:2022-07-26 01:05来源:بەيدۇ دائىم پۇت-قولى مۇزدەك تۇرىدىغان كىشىلەر ئاندا-ساندا يالىڭاچ ئۇخلاشنى سىناپ باقسا، ئىسسىق، راھەت ھېس قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئۇخلاپ قالىدۇ. چۈنكى كىيىمنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، تېرىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى ئېشىپ، بەدەن ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق تەبىئىي ھالدا سىرتقا چىقىپ، ئەتراپنى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەرلەرنىڭ يالىڭاچ ئۇخلىشىنىڭ پايدىسى كۆپ، ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش ۋە بەل ئاغرىش، باش ئاغرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاياللار يالىڭاچ ئۇخلىسا بەزى ئاياللارنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، بويۇن ۋە مۈرە ئاغرىش قاتارلىق مەسىلىلىرىمۇ تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يالىڭاچ ئۇخلاش جىنسىي ھەۋەسنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ نورمال جىنسىي تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەرلەرنىڭ يالىڭاچ ئۇخلىشى ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىسپېرمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، جىنسىي ھەۋەسنى تەبىئىي ھالدا كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالىڭاچ ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئەركىن ئۆتكۈزەلەيدىغان بولىدۇ، بۇ ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ. لېكىن يالىڭاچ ئۇخلىغاندا بەزى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. دەسلەپكى سىناقتا يالىڭاچ ئۇخلىغاندا، چوقۇم كىرلىك، يوتقان-كۆرپىنىڭ ماتېرىيالىنى توغرا تاللاش كېرەك. ساپ پاختا گەرچە تېرىنى ئاسرايدىغان ماتېرىيال بولسىمۇ، لېكىن چوقۇم بىر قېتىم يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ياكى بىر مەزگىل ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. يىپەك سوغۇق ھەم سىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى يېنىك بولۇپ، ئادەمنى ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەڭ مۇھىمى كارىۋات كىرلىكىنىڭ پاكىزلىقنى ساقلاش! |