新闻详情

قەشقەر شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-08-26 02:22

پىژغىرىم ياز كۈنلىرى، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق قىزىپ كەتتى. 7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى 65310116 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتى ناھايىتى ئاۋات بولۇپ، مال ساتقۇچىلارنى ئالدىراش قىلىۋەتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمەي، سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن ئەسلىدە بۇ   پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدىن « ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلدى. كۆپچىلىك خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەس ـ بەستە قەدىمىنى توختىتىپ سېتىش پونكىت ئىچىگە كىرىپ كەلدى ۋە ئۆزىلىرىنىڭ تەلىيىنى سىنىماقچى بولدى. سىز بەش يۈەن، ئۇ ئون يۈەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بىر مەھەل پونكىت ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك ۋاڭ ئەپەندى تۇنجى قېتىم«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشى بۇلۇپ، ئىلگىرى ئىشى يوق چاغلاردا دائىم پاراۋانلىق لاتارىيە كومپيۇتېر بېلىتى ئوينايتتى، بەزىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ باققان بولسىمۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. يېقىندا، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭغا«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيەسىنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ ئويۇن دەرھال مۇكاپات ئېچىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات قايتىش نىسبىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلەت تۈرى كۆپ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى كۈچلۈك، ناھايىتى قىزىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋاڭ ئەپەندى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى 65310116 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا كېلىپ، تەلەي سىناپ باقماقچى بولۇپ، دەل يېڭى بېلەت تۈرى« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نى سېتىۋالدى. بىلەت يۈزىگە دۆۋىلىنىپ كەتكەن زىخچە ئالتۇنلار ۋاڭ ئەپەندىنى جەلپ قىلدى، ئۇ ئۈچ پارچە« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نى سېتىۋالدى، ئۇ   بۇ ئۈچ پارچە ئالتۇننىڭ ئىچىدە ئون مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۆزىنىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان ۋاڭ ئەپەندى كۆزىگە ئىشەنمەي، قايتا-قايتا مال ساتقۇچىدىن   جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، لاتارىيە بېلىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى سېلىپ كېتىپ قالدى.

يېقىندا، ۋاڭ ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ كاتتا مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: « ئەينى چاغدا مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم، بەلكىم بېشىم قېيىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئويلىغانسېرى ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم! » ، ئاخىرىدا ۋاڭ ئەپەندى : « لاتارىيە سېتىۋېلىشتا يەنىلا ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەلۋەتتە خۇشاللىنارلىق ئىش مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك مېھىر ـ مۇھەببەت ئاتا قىلغان بولىدۇ، بۇمۇ ئوخشاشلا خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدۇ. »-دېدى.

20200825185513_58117.png


分享到: