新闻详情

شىنجاڭدىن ئ‍ىچكىرگە قاتنايدىغان مەخسۇس لىنيەلىرى كۆپلەپ ئېچىلماقتا

发表时间:2020-09-01 03:35

تىيانشان تورى خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 9-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يېڭىدىن ئېچىلىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

يېقىندا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملارمۇ ئوقۇغۇچىلارغا « شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پۇكىيى»   تەسىس قىلىپ، مەكتەپكە قايتىدىغان ئالاھىدە تېز مۇلازىمەت يېشىل كارىدورى قاتارلىق يۈرۈشلۈك يەر يۈزى كاپالەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، قايتا ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

CZ2395چۆچەكتىن جېڭجۇغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، پويىز خادىمى مىرئاي يولۇچىلارغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە

مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 29 -كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋ، گۇاڭجوۋ، خاڭجوۋ، چاڭشا، شيامېن، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقا ـ ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، دەسلەپكى مەزگىلدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ـ لەنجوۋ ـ گۇاڭجوۋ بېرىش ـ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، كۈندە بىر قېتىم قاتنايدۇ، بېرىش ـ كېلىش 360 دىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا بارىدىغان بېلەت باھاسى 530 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان بېلەت باھاسى 1130 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، كونكرېت بېلەت باھاسىنى ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

شيامېن ئاۋىياتسىيەسى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن تيەنجىن، شيامېن، چاڭشا، خاڭجوۋ قاتارلىق تۆت جايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئۈرۈمچى ـ يىنچۈەن ـ فۇجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدىن جىنەن، چۈەنجۇ، جېڭجۇ، فۇجۇغا ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

9ـ ئايدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا، ئالتاي، بورتالا، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتىشقا توغرا كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئوقۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە جىددىي بارىدىغان ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پائال ئالاقىلىشىپ، قايتا ئوقۇش ھۆددە ئېلىش كەسپىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايرودۇرۇملارنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئالدىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن» شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئىشكاپى« تەسىس قىلىپ، مەكتەپكە قايتىدىغان ئالاھىدە تېز مۇلازىمەت يېشىل كارىدورى قاتارلىق يۈرۈشلۈك يەر يۈزى كاپالەت مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، قايتا ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى جەمئىي 2000ىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تارباغاتاي، ئالتاي، كورلا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەردىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق شىئەن ۋە جېڭجوۋغا بىۋاسىتە بارىدىغان قايتا ئوقۇش ھۆددە ئايروپىلانى پىلانىنى تۈزدى، ئوقۇغۇچىلار جېڭجوۋ، شىئەنگە بارغاندىن كېيىن بېيجىڭ، تيەنجىن، چاڭچۈن، خاربىن، شېنياڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، جۇخەي، شېنجېن، چاڭشا، چېڭدۇ، كۇنمىڭ، گۇيياڭ قاتارلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە ئالمىشىدۇ.


分享到: