ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

پۇتبول دۇنياسىدىكى پەرەزلەر

发表时间:2021-01-05 11:58作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif

640-59.png

3.jpg


/uploadfile/2021/0104/2021010422584351317.jpg

2020-يىلى يۇقۇم سەۋەبلىك كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر كەينىگە سۈرۈلدى. شۇڭا 2021-يىلى «مۇسابىقە يىلى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يەنى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ مۇسابىقىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەستانىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى يەنىلا، قوش شاھلاردىن بولغان مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقى، كرىستىيانو رونالدونىڭ تارىختا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇش ياكى بولالماسلىقىدۇر.

ئۇنداقتا بىز 2021-يىلى دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ باقايلى.

/uploadfile/2021/0104/2021010422584249587.jpg

1. مېسسى پارىژ سانت گېرمانغا يۆتكىلىشى مۇمكىن

2021-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، مېسسى باشقا كۇلۇبلارغا يۆتكەلسە تامامەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن بولغان توختامىنىڭ توشىدىغانلىقىغا پەقەتلا ئالتە ئاي ۋاقىت قالدى. مېسسىنىڭ توختامى توشقاندا ئۇ داۋاملىق بارسېلونادا قېلىشى، ۋە ياكى مانچېستېر شەھىرى، پارىژ سانت گېرمان ۋە خەلقئارا مىلان قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ بىرىگە قوشۇلۇشىمۇ مۇمكىن.

2020-يىلى يازدا مانچېستېر شەھىرى مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان، گۇاردىئولا، ئاگۈيرو ۋە مانچېستىېر شەھىرىنىڭ زور مالىيە كۈچى مېسسىنى قىزىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئامىل ھېسابلىناتتى. لېكىن مېسسى داۋاملىق بارسېلونادا قېلىشنى تاللىدى.

/uploadfile/2021/0104/2021010422584249668.jpg

گەرچە مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلمىغان بولسىمۇ لېكىن بارسېلونانىڭ ئىپادىسى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. پارىژدا مېسسىنى قوشۇۋالغۇدەك ئەمەلىي كۈچ بار، نېيمار ئاشكارا ھالدا مېسسىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچېتتىنونىڭ پارىژغا ترېنېرلىق قىلىشى كۇلۇبنى تېخىمۇ مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلدى. ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ رىقابەت كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، مېسسى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى تالىشالايدۇ، بۇ بەلكىم مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پارىژ سانت گېرماننى تاللىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

/uploadfile/2021/0104/2021010422584396871.jpg

2. كرىستىيانو رونالدو پۇتبول تارىخىدىكى بىرىنجى مەرگەنگە ئايلىنىشى مۇمكىن

تېخى بۈگۈن سەھەردىلا ئېلىپ بېرىلغان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 15-ئايلانما مۇسابىقىسىدە داڭلىق توپچى كرىستىيانو رونالدو ئۇدىنېسقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىنى 758گە يەتكۈزدى. گەرچە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرى پۇتبول شاھى پېلىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىزگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىنى 767 دەپ بېكىتتى، ئەمما تارىختا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولسا بىكان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 805 توپ كىرگۈزگەن.

/uploadfile/2021/0104/2021010422593261742.jpg

بۇ كرىستىيانو رونالدونىڭ تارىختىكى بىرىنچى مەرگەندىن پەقەت 47 توپ پەرق قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر رونالدو بۇ پەسىل داۋاملىق قالتىس ئىپادىسىنى ساقلىيالىسا، ئۇ ھالدا ئۇ مۇشۇ يىلىلا تارىختا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

/uploadfile/2021/0104/2021010422593152017.jpg

بۇنىڭدىن باشقا كرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدا 102 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، پۇبول مۇنبىرى تارىخىدىكى دۆلەت كوماندىسىدا ئەك كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەلى دايىدىن ئاران يەتتە توپ پەرقلىنىدۇ. كرىستىيانو رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىدىن قارىغاندا پەقەت ئۈچ-تۆت مەيداندىلا بۇ رېكورتنى بۇزىۋېتىشى مۇمكىن.

/uploadfile/2021/0104/2021010422595286225.jpg

3. فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىن

كرىستىيانو رونالدو ئەلى دايى ساقلاپ كېلىۋاتقان رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باشقا يەنە، ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ئەمەلىي كۈچ ھالىتىنى ئويلاشقاندا، فىرانسىيەنىڭ چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ. بۇلا ئەمەس پورتۇگالىيە فىرانسىيە، گېرمانىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى زور سىناقنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.

/uploadfile/2021/0104/2021010423003697468.jpg

4. مىسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا داۋاملىق «تاجسىز شاھ» بولۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى مۇمكىن

ئارگېنتىنا 1993-يىلى ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنكى 27 يىلدىن بۇيان بۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى. گەرچە ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ (دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا بىر قېتىم، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا ئىككى قېتىم) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن مېسسى باشتىن-ئاخىر چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى.

/uploadfile/2021/0104/2021010423005080442.jpg

مېسسىنىڭ يېشىنى ئويلاشقاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى بەلكىم ئۇنىڭ بۇ قارغىشنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ھالبۇكى، ئەمەلىي كۈچتىن قارىغاندا بىرازىلىيە بۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

/uploadfile/2021/0104/2021010423011765585.jpg

5. لېۋاندوۋىسكى بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى مۇمكىن

2020-يىلى لېۋاندوۋىسكى ئېرىشكۈدەك شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتى. بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئۇنىڭغا تەۋە بولماي قالدى. بىراق ئۇ بەلكىم 2021-يىلى بۇ ئەپسۇسلىنىشنى تولۇقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن.

/uploadfile/2021/0104/2021010423021182342.jpg

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە لېۋاندوۋىسكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 18 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 20 توپ كىرگۈزۈپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 78 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزدى. ئەگەر بايرېن مىيۇنخېن ۋە لېۋاندوۋىسكى بۇ ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇلار ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى، شۇنداقلا لېۋاندوۋىسكىمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن.

/uploadfile/2021/0104/2021010423011641608.jpg

6. يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىدە ئۇدا ئون قېتىم چېمپىيون بولۇش قەدىمى توختىشى مۇمكىن

يۇۋېنتۇس ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا توققۇز پەسىل چېمپىيون بولۇش مۆجىزىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ساررى ئىشتىن چۈشۈپ، پىرلو ترېنېرلىق ئورنىغا ئولتۇردى. ھالبۇكى، يۇۋېنتۇسنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە بەك ناچار دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن قوشماق مىلاننىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، ئا س مىلان بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى بىردىنبىر ئۇتتۇرۇپ باقمىغان كوماندا بولۇپ قالدى.


خەلقئارا مىلان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتىنى بىرلەشمىگە قاراتتى. ئەگەر پىرلو باشچىلىقىدىكى يۇۋېنتۇس ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ياخشى ھالىتىنى تاپالمىسا، ئۇنداقتا يۇۋېنتۇسنىڭ بىرلەشمىدە ئۇدا ئون قېتىم چېمپىيون بولۇشى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.

/uploadfile/2021/0104/2021010423011686490.jpg

7. خالاند، مباپپې قاتارلىق ياش توپچىلار خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلىشى مۇمكىن

ئەلۋەتتە، خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا ھەرقانداق ياش توپچى قىزىقىدۇ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاشقاندا ياش توپچىلار ئۈچۈن خانلىق مادرىد ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خانلىق مادرىد رەئىسى فلورېنتىنو ماھىر قېزىشقا ۋە سودا قىلىشقا ئىنتايىن ماھىر.

/uploadfile/2021/0104/2021010423044043466.jpg

خالاند ۋە مباپپېدەك ئىستىقباللىق ياش توپچىلار ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدقا بارغۇسى بارلىقىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىپادىلەپ باققان، شۇڭا بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە بەلكىم بۇ ئىككى توپچىنىڭ ئىككىلىسى ياكى بىرى بولسىمۇ خانلىق مادرىدتا توپ تەپمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: