ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

يىڭى ئاپتوموبىل نۇسخىسى

发表时间:2021-02-20 11:11作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png


بۇ يىل ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان دوستلار يامان ئەمەس پۇرسەتكە توغرا كەلدى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى ياپونىيە ئاپتوموبىللىلىرىلا ئەڭ يېڭى تىپى، ئۆزگەرتىلگەن تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا 20 خىلدىن ئاز بولمايدىكەن، تاللاش بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ، تۆۋەندە كۆپچىلىككە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان 10 شېرىك ماركىدىكى ئاپتوموبىلنى تەۋسىيە قىلىمىز، ماشىنا سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان دوستلار پايدىلانسا بولىدۇ.

يىچى تويوتا ALLION

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: يىچى تويوتانىڭ ئەڭ يېڭى A+ دەرىجىلىك پىكاپى

كوروللا بىلەن ئاۋالون ئوتتۇرىسىدا، ئوق ئارىلىقى 2750mm كېلىدۇ، تېخىمۇ كەڭتاشا بوشلۇققا ئىگە؛ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە بىۋاسىتە 2.0Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان موتور سەپلەنگەن.

بېيجىڭ خىيۇنداي ئەڭ يېڭى مىڭتۇ

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاي

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 3 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: ساپ توكلۇق نۇسخىسى بار

كورېيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى بازار مەۋجۇتلىقى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئەمەس، ئەمما ماركا تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، مەھسۇلات سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدار-باھاغا نىسبەتەن ئېتىبار بېرىدىغانلارغا ئەڭ يېڭى خىيۇنداي مىڭتۇ ئويلىشىشقا ئەرزىيدۇ. 1-ئايدا ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى، باھاسى 135 مىڭ 800 يۈەندىن 175 مىڭ 800 يۈەنگىچە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى 4780×1815×460mm، ئوق ئارىلىقى 2770mm؛ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 142 ئات كۈچى ۋە 170 ئات كۈچى.

ساپ توكلۇق نۇسخىسىغا مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق ماس قەدەملىك ئېلېكترموتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 183 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 310 نيۇتون مېتىر، NEDC ئۆلچىمىدىكى ئۇدا مېڭىش مۇساپىسى 520 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

يىچى تويوتا RAV4 قوش موتور E+

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى 5-ئاي

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 3 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: تويوتانىڭ ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان

تويوتا ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك بازاردا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكى نىسبەتەن يۇقىرى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ موتورىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 180 ئات كۈچى، ئورگان تەرەپ ساپ توكلۇق نۇسخىسى 80 كىلومېتىر.

گۇاڭچى تويوتا لىڭشاڭ

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى 7-ئاي

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 5 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: گۇاڭچى تويوتانىڭ ئەڭ يېڭى A+ دەرىجىلىك پىكاپى

يىچى تويوتا ALLIONنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى، لېۋىن بىلەن كامراي ئارىسىدىكى پىكاپ دەپ بېكىتىلگەن، ئوق ئارىلىقى 2750mm؛ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە 2.0Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان موتور ۋە WCVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن.

گۇاڭچى تويوتا ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد خايلاندېر

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: مۆلچەردە 2021-يىلى 9-ئاي

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 5 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: ياسىلىش شەكلى تېخىمۇ قاۋۇل، 2.5Lلىق ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سەپلەنگەن

چەتئەل تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان ئەمەلىي ئاپتوموبىل سۈرىتىدىن قارىغاندا، پۈتكۈل ياسىلىش شەكلى تېخىمۇ زومىگەر قاۋۇل ھەمدە ئىچكى بېزەك ئۇسلۇبى سپورت فانتازىيەگە مايىل، مەسىلەن ئەڭ يېڭى پاسوندىكى ئۈچ بالداقلىق رول، چوڭ رازمېرلىق لەيلىمە شەكىلدىكى ئوتتۇرا كونترول ئېكران قاتارلىقلار، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا E-CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، قىسمەن تىپىلىرىغا ئەقلىي ئېلېكترونلۇق تۆت چاق تارتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن.

ۋولكسۋاگېن 8-ئەۋلاد گولف GTI

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: ئادەتتىكى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ سپورت تاشقى قىياپەت، تېخىمۇ كۈچلۈك موتورغا ئىگە

8-ئەۋلاد گولفنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، 8-ئەۋلاد گولف GTIنىڭمۇ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىغا ئاز قالغان. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە چەتئەل نۇسخىسىغا ئەڭ يېڭى EA888 EVO4 2.0T تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 245 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 370 نيۇتون مېتىر، يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

شەرق شامىلى نىسسان يېڭى چىجۈن

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى ئۈچىنچى پەسىل

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق موتور سەپلەنگەن

يېڭى چىجۈندە يۈزى تېخىمۇ چوڭ ھاۋا كىرىش سالاسۇنى قوللىنىلغان، ئىچكى بېزىكى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەن، تېخنىكا تۈسى ۋە ھەشەمەت تۈسى يەنىمۇ كۈچەيگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە 1.5Tلىق موتور سەپلەنگەن، بۇرۇن شەرق شامىلى نىسسان قارمىقىدىكى كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىللارغا ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان موتور سەپلەنگەن ئىدى.

نىسسان Ariya

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 4 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى ساپ توكلۇق سۇپىسى ئاساسىدا ياسالغان

ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىكى نۇقتىلىق ئاپتوموبىل تىپى دەل نىسسان Ariya، ئىنتايىن ئىخچام لايىھەنى قوغلاشقان، ياردەمچى شوپۇر ئالدىدا ھېچقانداق كۇنۇپكا يوق دېيەرلىك، نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى ProPILOT 2.0 ھەيدەش ياردەمچىسى سىستېمىسى سەپلەنگەن، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە قوش ئېلېكترموتورلۇق تۆت چاق سۆرەش e-4ORCE تېخنىكىسى سەپلەنگەن، ئۇدا مېڭىش مۇساپىسى 499 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، تۆت چاق سۆرەش تىپىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 340 ئات كۈچى.

شەرق شامىلى خوندا يېڭى بىر ئەۋلاد سىۋىك

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلنىڭ تۆتىنچى پەسلىدە

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 5 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: تاشقى قىياپەت ئۇسلۇبىدا چوڭ ئۆزگىرىش بار

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى بىر ئەۋلاد سىۋىكقا داۋاملىق 1.5Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق موتور سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 177 ئات كۈچى.

شاڭچى ۋولكسۋاگېننىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد لىڭدۇ

بازارغا سېلىنىش ۋاقتى: 2021-يىلى

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: 3 يۇلتۇز

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يارقىن نۇقتىسى: سپورت پۇرىقى يېتەرلىك

شاڭچى ۋولكسۋاگېن بۇ يىل 11 خىل يېڭى ئاپتوموبىل چىقىرىدۇ، بۇنىڭدا ئەۋلاد ئالماشقان لىڭدۇ بار. ئەۋلاد ئالماشقان تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىڭدۇدا ئەڭ يېڭى MQB سۇپىسى قوللىنىپ ياسىلىدۇ، گەۋدە بوشلۇقىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق 1.4Tلىق موتور سەپلىنىدۇ، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: