ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئەجىر قىلساڭ ئەجىرى بۇلىدۇ - ئۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-23 16:48


خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! كاتتا مۇكاپات چىقتى! 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021030-قارا مۇكاپات ئېچىلدى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى مەلۇم تەلەيلىك لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 228043 يۈەن بولدى، بۇ «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچىلەر ئېرىشكەن تۇنجى «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپاتى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم فۇكاڭ شەھىرى سودا شەھەرچىسىنىڭ بىرىنچى رايونى ئەتراپىدىكى 65238024 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ كونا لاتارىيەچىسى ئىدى. 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ خانىم ئادەتتىكىگە ئوخشاش پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىغا پىششىق بولغان ۋاڭ خانىم نومۇر ۋە يۆنىلىش خەرىتىسىگە قاراپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، 04، 21، 12، 21، 22، 23، 29، 34، 48، 70 نومۇردىن ئىبارەت ئون نومۇرنى بېكىتتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات باشلانغاندا، ۋاڭ خانىم تاللىغان 10 تەلەي نومۇرىنىڭ توققۇزى مۇكاپات نومۇرىدا پەيدا بولدى، ئۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ 1 دو توققۇزدىن توققۇزنى تاللاش، 9 دو توققۇزدىن سەككىزنى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 228043 يۈەن بولدى.


(2021030-قارار «شادلىق 8» ئۇيۇنى مۇكاپات نومۇرى)

         2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتە، ۋاڭ خانىم ئالدىراپ ـ تېنەپ سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئەجىر قىلساڭ ئەجىرى بۇلىدۇ دېگەن راست گەپ ئىكەن، ئاخىرى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم، لېكىن بۇ مېنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى، بۇ چاغان يېتىپ كەلگەندە ماڭا كەلگەن كاتتا سوۋغات، مەن بۇ قېتىم مۇنبەت يېڭى يىلنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇم، مەن ئەتە چاغانلىق مال سېتىۋالغىلى بارىمەن.»-دېدى.

يېڭى يىلدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلدى، يېڭى يىلدا ئامەتكە ئامەت كەلدى، بىز بۇ يەردە بارلىق لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

分享到: