ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش

发表时间:2021-04-16 17:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى رومىن روللان ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: « دۇنيادا پەقەت بىر خىل ھەقىقىي قەھرىمانلا بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۇنى قىزغىن سۆيۈش». لاتارىيە بىر خىل تەلەي سىناش ئويۇنى، ئەمما تەلەي ھامان تاسادىپىي بولىدۇ، بەزىلەر لاتارىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن يەنىلا بىر پارچە لاتارىيە سېتىۋېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ، تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى خالايدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ سۇسلىقىنى كۆرۈپ، مېھرىبانلىق تەقدىم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر كىچىك تەلەيگە ئىنتىزار بولۇپ، ئادەتتىكى تۇرمۇشقا ئازراق خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021034 ـ قارارلىق قىزىل توپ نومۇرى:« 04 ،   10 ،   12 ، 18 ، 23 ، 25»، كۆك توپ نۇمۇرى :«01» بولدى، 1 دو قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سانجى شەھىرى 65230247 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىقتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 155342 يۈەن بولدى. بۇ پونكىتتىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى ئىدى.

مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرگەندە چاغدا، ليۇ ئەپەندى ئاۋۋال گەپ باشلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « مۇرەككەپ، ھەسسىلەپ دو تىكىشنى مەن ھەر قېتىم ئىشلىتىمەن، لېكىن بۇ قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا پۇل قىس بولغاچقا، يەككە دو تىكتىم، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپات چىقتى. كۆك توپنىڭ چىقمىغىنىغا ئەپسۇسلانساممۇ، لېكىن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن بەك رازى بولدۇم! لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مېھرى-شەپقەت پائالىيىتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇكاپات چىقىدۇ، بۇنداق ياخشى ئىشتىن قانداقمۇ خۇشال بولماي تۇرغىلى بولسۇن؟» ــ دېدى ليۇ ئەپەندى خۇشال ھالدا.

ئىككى يۈەن دېگەن نېمە؟ ئۇ ئىشچىلارنىڭ قولىدىكى بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇ، ئانىنىڭ قولىدىكى بىر تۈپ كەرەپشە، بالىنىڭ قولىدىكى چاقپىلەك، شۇنداقلا بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى. سىزنىڭمۇ خۇددى تەلەيلىك ليۇ ئەپەندىگە ئوخشاش مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

(سانجى چېنجيەنمىڭ)

4.png

分享到: