جاڭ ئەپەندى 3D ئويۇنىدا 62400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-04-20 12:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى دۇنيادا ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بار، سىز ئەڭ يۇقىرى تەلەينى كۆرۈپ باققانمۇ؟ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن توغرا كېلىپ قېلىشنى كۆرگەنمۇ؟ تۇرمۇشتا ھامان بىر قىسىم ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارغا ئۇچرايمىز، بۇ خىل تېپىلغۇسىز توغرا كېلىپ قېلىش سىزدە يۈز بەرگەندە سىزمۇ قاتتىق ھاياجانلىنامسىز؟ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021082-قارار شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى « 067» بولۇپ، جاڭ ئەپەندى 62400 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. مۇكاپات ئالغاندا، ئۇ ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى دائىم توردا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېكايىلەرنى كۆرەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ قاچان مۇشۇنداق تەلەيلىك بولالايدىغانلىقىمنى ئويلايتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!»-دېدى. ئەسلىدە، جاڭ ئەپەندى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئادەتتە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە ئويۇنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ بەش يىللىق تەجىربىگە ئىگە كونا لاتارىيەچى، ئۇ ھەر خىل ئويۇنلارنى سېتىۋالىدىغان بۇلۇپ، تەلەيمۇ يامان ئەمەس ئىكەن، كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، لېكىن ئۇ ھامان بىر كۈنى ئامەت كېلىپ، چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، جاڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سانجى شەھىرىدىكى 65230169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، « 067» دېگەن بۇ نومۇرىنى تاللاپ چىقتى، ئالدى كەينى بۇلۇپ 3 دو 20 ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە، جەمئىي 60 ھەسسە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، جاڭ ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات نۇمۇرىنى تەكشۈردى، 3D ئويۇنىنىڭ شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرى دەل « 067» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، جاڭ ئەپەندى ھەيران قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۈچ نومۇرنىڭ ھەممىسى چىققان ئىدى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 62400 يۈەن بولغان. مول مۇكاپات سوممىسى جاڭ ئەپەندىنىڭ « كاتتا مۇكاپات ئارزۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى. جاڭ ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىش پىلانى توغرىسىدا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « بۇ مۇكاپات پۇلىنى مەن ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋالىمەن ھەم پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن.»-دېدى. (سانجى فېڭرۇي) ![]() |