2021 ـ يىللىق شىنجاڭ بويىچە پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى发表时间:2021-04-20 16:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، 2021- يىللىق پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جىيىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفېڭ يىغىنغا دوكلات بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر نىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن مۇدىر لىن خۇڭ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋۇ تىڭتىڭ، مۇدىر ياردەمچىسى، بازار باش نازارەتچىسى يۇ تاۋ قاتناشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. باشقارما باشلىقى فېڭ جىيىن ئالدى بىلەن 2021-يىللىق مەملىكەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر گاۋ شياۋبىڭ، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ئەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق روھىنى يەتكۈزدى. مۇئاۋىن مىنىستىر گاۋ شياۋبىڭ سۆزىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە يىغىنچاقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14 ـ بەش يىل» لىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى. ئەننىن مۇدىر دوكلاتىدا 2020 ـ يىللىق مەملىكەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ھەم 2021 ـ يىللىق مەملىكەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئارقىدىن، مۇدىر لى يۇڭفېڭ 2021 ـ يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:2020 ـ يىلى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى چۈشۈرگەن سېتىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، «13 ـ بەش يىل» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. يېڭى بىر يىلدا، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىستېمىسى سىياسىي قۇرۇلۇش، بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، يېڭى خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، بازار باش نازارەتچىسى يۇ تاۋ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى ھەم يېتەكچى پىكىر بەردى. ئۈرۈمچى، تۇرپان، تارباغاتاي، قەشقەر، شىخەنزە قاتارلىق بەش ۋىلايەت (شەھەر) پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى 2020 ـ يىللىق خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، بازار ئېچىش، قوشۇن تەربىيەلەش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنچىكە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى مۇزاكىرە قىلىپ سۆز قىلدى. |