ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى 300000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-14 19:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«تەڭرىم، راستتىنلا كاتتا مۇكاپات چىقتى! » 5- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى بىر لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى، تەلەيلىك بۇ لاتارىيەچى پەقەت ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلىتىگە تايىنىپ، 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، بۇ كاتتا مۇكاپات مەزكۇر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىغا ئايلاندى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كەلدى، ئادەتتە ۋاقىت بولسىلا بىر قانچە دو سېتىۋالىمەن، ھەر قېتىم چىقارغان يېڭى بېلەت تۈرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئون يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەنگىچە مۇكاپاتلار خېلى كۆپ چىقىدۇ.»-دېدى.

بىردەمدىن كېيىن ۋاڭ ئەپەندى يەنە داۋاملىق تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: « 5- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتە، مەن سانجى شەھىرى نىڭبيەن غەربىي يولىدىكى 65230278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئەسلىدە دائىم ئەگىشىدىغان بەش تال« قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىغا دو تىكمەكچى بولدى، لېكىن ئىلگىرى ئەگىشىپ ماڭىدىغان لاتارىيە بېلىتى يوقلۇقىنى بايقاپ، قىممىتى 10 يۈەنلىك بىر نەچچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» يېڭى بېلەت تۈرىنى تاللىدى، «يەتتە رەڭلىك قاتلىما مۇزىكا» نى تاللاپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى.

مۇكاپات ئالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « لاتارىيە بېلىتىدە 300000 دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، مائاش قاتلىمىدىكى كىشلەر بولغاچقا، ھەر قېتىملىق لاتارىيە سېتىۋېلىش سېلىنمىسىمۇ نەچچە ئون يۈەن ئىدى، بۇ قېتىم خالىغانچە بىر نەچچە پارچە سېتىۋالغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولدى! بۇ 300 مىڭ يۈەن ئادەتتىكى ئائىلە ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل، ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇنداق تەلەيلىك ھېس قىلىپ باقمىغان، پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم داۋاملىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش سېپىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۆزىگە تەۋە بەخىتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، «يەتتە رەڭلىك قاتلىما مۇزىكا» يېقىندا يېڭىدىن بازارغا سېلىنىپ تارقىتىلغان كارتون تۈرىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى بولۇپ، بىلەت يۈزىگە يەتتە دانە ئوماق كارتون كىچىك ھايۋان بېسىلغان، تۇرقى تولىمۇ ئوماق، قىممىتى 10 يۈەن، 21 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، 12 دەرىجىلىك مۇكاپات دەرىجىسى بار بۇلۇپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئويۇن ئاددىي ھەم قىزىقارلىق، لاتارىيەنىڭ ياپما پەردىسىنى قىرىسىلا بۇلىدۇ، ئوخشاش بىر ئويۇندا، ئەگەر خالىغان بىر « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇر» ئوخشاش بولسا، بۇ «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، جەمئىي يەتتە مەيدان ئويۇن بار، مۇكاپاتقا تەڭ ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(سانجى لى پېڭۋېي)

21.png

分享到: