ئالتايدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-05-24 17:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى كالا يىلىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بېلەتنىڭ بىرى بولغان « شىنچۇ كالىسى بەش يۈەن» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى 100 مىڭ يۈەن چىقتى! كاتتا مۇكاپات چىققان بۇرچىن ناھىيەسى 65430160 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى پېشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى «ياخشى روھىي ھالەت ئەپەندى» دەپ چاقىراتتى، ئۇ دەل مۇشۇ ياخشى روھىي ھالەتنىڭ ساقلاپ چىڭ تۇرۇش بىلەن، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جاڭ ئەپەندى ئادەتتە «قوش رەڭلىك توپ»، «3D» ئويۇنلىرىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. 15-ماي، جاڭ ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى 65430160 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى سېتىۋالدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا جاڭ ئەپەندى بىر نەچچە دو « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىگە دىققەت قىلدى، لاتارىيە بېلىتىنى ئالغان جاڭ ئەپەندى ئايرىلىدىغان چاغدا، تۇيۇقسىز بېلەت سېتىش كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئەتراپىدا بىر نەچچە لاتارىيەچىنىڭ خۇشال ھالدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. جاڭ ئەپەندى ۋاقىتقا قاراپ قايتىشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى كۈرۈپ ئۇلارنىڭ قىشىغا باردى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقان لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى بىر-بىرلەپ قىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ سىناپ باققۇسى كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پارچە « شىنچۇ كالىسى» بېلىتىنى سېتىۋالدى، ساتقۇچىغا:« مەن بۇنى بەك ئاز ئوينايمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم تاسادىپىيلىق، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسەم ئاجىزلار ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بۇلىمەن»-دېدى. مال ساتقۇچى شياۋ جاۋ قىزغىنلىق بىلەن: « جاڭ ئاكا، سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز بەك ياخشى ئىكەن، سىز كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم ئامەت سىزگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن»-دېدى، جاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ تۇرۇپ: « مەن بىرنى ئالاي، بەش يۈەن چىقسا چوڭ گەپ»-دېدى. جاڭ ئەپەندى لاتارىيە بىلىتىنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ـــ« بۇ 100 مىڭ يۈەنمۇ؟؟؟»- ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئورىۋالدى. ئەتىسى، جاڭ ئەپەندى ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى تاسادىپىي مۇكاپاتقا ئېرىشىش ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، بۇ لاتارىيە سېتىۋالغاندىن بۇيان مۇكاپات ئەڭ كۆپ چىققان بىر قېتىملىقى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم. خالىغانچە سېتىۋالغان بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى ماڭا مۇشۇنداق چوڭ سوۋغات ئېلىپ كەلدى، كالا يىلىدىكى ھەر بىر كۈندە مۇشۇنداق تەلەيلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى. (ئالتاي ۋېيجيا ماگنىي) ![]() |