تېرستېگېن ئوپېراتسىيە قىلىنىش سەۋەبىدىن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايد发表时间:2021-05-17 17:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا، تېرستېگېننىڭ ئوڭ تىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بارسېلونا ئورگان تورىدا: تېرستېگېننىڭ ئوڭ تىز سۆڭىكى ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يوللىغان. تېرستېگېنمۇ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىغا: «يارىلىنىش سەۋەبىدىن بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان بولدۇم» دەپ يوللىغان. |