قۇمۇلدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ياش يىگىت 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-06-02 19:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ياش يىگىت بىلەن ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى ئەر قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاندى. ياش يىگىتنىڭ سەبىي چىرايىغا قاراپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن خىزمەتچى خادىملار سەل خاتىرجەم بولالمىدى، كىملىكىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يىگىتنىڭ 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرمەكچى بولغىنى ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 5- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇكاپات چىققان يىگىت شياۋ ۋاڭ 65220122 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پونكىتتا بىرەيلەننىڭ لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىرىپ سىناپ باقماقچى بۇلۇپ لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىپ كەلدى، ياندا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ سىناپ باقماقچى بولدى. شياۋۋاڭ تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان بولۇپ، ئىككى نەپەر لاتارىيەچىنىڭ 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك» لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مال ساتقۇچى شياۋچېنغا ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق بېلەتتىن بىرنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ۋە بىر تال لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى، ئۇ ئوخشاش « پۇل خالتىسى» نىڭ ئۈچ تال بەلگىسىنى قىرىپ چىققاندىن كېيىن، شياۋچېندىن مۇكاپات چىققان ـ چىقمىغانلىقىنى سورىدى. شياۋچېن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، پەس ئاۋازدا شياۋۋاڭغا: « مۇبارەك بولسۇن، مۇكاپات چىقىپتۇ، يەنىلا كاتتا مۇكاپات، قۇمۇل پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرۋېلىڭ!»-دېدى. (قۇمۇل ۋاڭچىڭ جاڭ لۇڭيۈ) ![]() |