ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

لى ئەپەندى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-17 12:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

دۇنيا شۇنچە چوڭ تۇرسا، نېمىشقا بېرىپ كۆرۈپ باقمايسىز؟ ساياھەت پۇلى يوقمۇ؟ ئەنسىرىمەڭ، پاراۋانلىق لاتارىيە تەييار بولدى، سىز پەقەت يولغا چىقسىڭىزلا بولىدۇ.

غولجا چاپچال ناھىيەسىدە لى ئەپەندى دەپ بىر كىشى بار بۇلۇپ، 4 ـ ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ باش قېتىنچىلىقى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى، 1 ـ ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەسلىدە خوتۇن ـ بالىلىرىنى ئېلىپ بىللە ساياھەتكە چىقماقچى بولغان، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھېرىپ ـ چارچىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى كاساتلىشىپ، كىرىم ـ چىقىم بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولدى، شۇڭا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداقمۇ ئاسان بولسۇن؟ ئۇ ھەقىقىي ئىقتىساد كىتىدىغان ئىش ئىدى. لى ئەپەندى ئۇدا نەچچە يىل خوتۇن ـ بالىلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىممۇ ئىشقا ئاشۇرالمىدى، ئەسلىدە بۇ يىل كۆپرەك پۇل تېپىپ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلىغان ئىدى، لېكىن ھازىرقى كىچىك دۇكاننىڭ كىرىم ئەھۋالىغا ئاساسەن، لى ئەپەندى يەنە «ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان» بولدى.

5- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، لى ئەپەندى دۇكاننىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، چاپچال ناھىيەسىدىكى 65410234 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ مەستانىسى بولغان لى ئەپەندى تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، دائىم قىرىلىدىغان بەش يۈەنلىك « نۇقتا توپ جېڭى» نىڭ بەش خىل بېلىتىنى تاللىدى. بارماق ئۇچى بىلەن تېز سۈرئەتتە قىرىشقا باشلىدى، ئالدىنقى ئۈچ پارچىسىنى ناھايىتى تېزلا قىرىپ بولدى ھەمدە 100 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. تۆتىنچى پارچىسىنى قىرغاندىن كېيىن، 200 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، نەچچە ئايدىن بۇيان لى ئەپەندىنىڭ قەلبىدە يىغىلىپ قالغان ئىس-تۈتەك ۋە تۇمانلار ئاسماندىن چۈشكەن بۇ چوڭ مۇكاپات تەرىپىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاندى. ئۇ قەلبىدىكى ھاياجىنىنى بېسىپ، ئاستا-ئاستا لاتارىيە بېلىتىنى يانچۇقىغا سېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىشىكىدىن چىققاندىن كېيىن دەرھال ئايالىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونى ئۇردى، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ھاياجانلىنىپ كەتتى.

5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، لى ئەپەندى ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: 200 مىڭ يۈەن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئويلاپ باقمىغان كاتتا مۇكاپات، شۇڭا مەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن مۇكاپات ئالغىلى كەلدىم. مۇكاپات پۇلى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە بىزنى قايتىدىن روھلاندۇرۇپ، باشتىن باشلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش بىر ئاز پۇل چىقىرىپ، خوتۇن ـ بالىلىرىمغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ باقايلى!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: