لاتارىيەچى دوستلارنىڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنىغا بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى发表时间:2021-06-23 14:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قىزىپ كەتتى، ئۇدا 30 قارار مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، مۇكاپات تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى 280 مىليون يۈەنگە يەتتى! پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر يەڭلىرىنى شىمايلاپ، سىناپ بېقىشقا ئالدىراپ كەتتى! پائالىيەت كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك 65430102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ياڭراپ، نۇرغۇن قىزغىن لاتارىيەچىلەر مال ساتقۇچىلارنى ئورىۋالدى، بەزىلىرى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بەزىلىرى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيەت قائىدىسىنى سورىدى، مال ساتقۇچى ۋاڭ خۇڭ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يىل بويى بۇ يەردە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان پىشقەدەم لاتارىيەچى ئادىل تاغىنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، ئەمما پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئادىل تاغا مۇنداق دېدى:«نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن شادلىق 8 ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، مەن ئۆيدە بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم. مەن ئادەتتە 10 نى تاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، بۈگۈن دەل مۇشۇ ئويناش ئۇسۇلىنى كۆزدە تۇتۇپ كەلدىم، پائالىيەت مەزگىلىدە مۇكاپات چىقسا مۇكاپات سوممىسى يەنە بىر قاتلىنىدۇ، ماڭا 10 مىليونلۇق مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى. 65430102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى« شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات پائالىيىتى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇردى، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر مەندىن پائالىيەت قائىدىسىنى سورىدى. كەچ بولغاندا، مەن « شادلىق 8» دوۋيىن ئۇسسۇل رىقابەت مۇسابىقىسى سىن فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىمەن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەقىقەتەن بەك ئىجادىي بولدى، ئۇسسۇل ئارقىلىق «شادلىق 8» ئويۇنىنى تەشۋىق قىلدىم! مەن يەنە لاتارىيەچىلەر توپىدا كۆپچىلىكنى جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردۇم، بارلىق كىشىلەرنىڭ دوۋيىن ئارقىلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» نى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.-دېدى. (ئالتاي ۋېيجيا ماگنىي) ![]() |