|
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تۆمۈر غوللۇق لاتارىيەچى 10 يىل ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ 10 مىليون 670 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكا发表时间:2021-07-15 20:02作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى
تۆت يۈەن پۇل ،بىر نۇمۇر،ئون مىلىيون يۈەن پۇل......بۇنداق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۇسۇلى، بەلكىم بارلىق لاتارىيىچىلەر ئىنتىزار بولغان بولۇشى مۇمكىن. 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، << قوش رەڭلىك توپ>> ئويۇنى 2021089 ـ قارارلىق باشلىنىشدا مۇكاپات چىقتى ، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 2 قېتىم 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىقتى،مۇكاپات بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ياڭشيا بازىرىدىكى 65280201 تىزىمغا ئالدۇرۇش پونكىتىغا چۈشتى، مۇكاپاتقا ئېرىشۈچى ياڭشيا بازىرىدىكى يىگىت ئەي ئەپەندى(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم). ئەي ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ مۇكاپات نومۇرىنى مەن ئون يىل بۇرۇن تاللاپ چىققان، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىدىن بىر تىزىق يەككە نومۇر تەشكىللەپ، ئىككى ھەسسە دو تىككەن، بۇ نومۇرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇ ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن، ئويلىمىغان يەردىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ھەسسە مۇكاپات سوممىسى 10 مىليون 670 مىڭ يۈەن بولدى. 8ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئەي ئەپەندى خوتۇنى بىلەن بىللە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: <<تۈنۈگۈن كەچتىلا ئۆزۈمنىڭ 10 مىليون يۈەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلىپ، ئازراقمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم، ئۇيقۇم قېچىپ كەتتى. بۇ بەلكىم ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئەڭ رىۋايەتلىك، ئەڭ تەلەيلىك ئىش بولۇشى مۇمكىن! ». |
|