新闻详情

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىنى

发表时间:2021-07-16 20:05作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى




2021ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفېڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىجۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تونۇشتۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلە<< شاتلىق 8« ئويۇنى، » <<گۈزەل شىنجاڭ>> ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھازىرقى لاتارىيە بېلىتى سېتىش مۇھىتى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بىر قانچە يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى، تىزىمغا ئالدۇرۇش پونكىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئىككىنچى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئويۇن سېتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ» شادلىق 8« ئويۇنى ۋە بېلەت سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئۈچىنچى، << خۇشاللىق>> نى تەشۋىق قىلىش..

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەنە مەبلەغ سېلىش پونكىتلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئوبراز قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، تارماق رايوندىكى تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى، مەبلەغ سېلىش پونكىتلىرىدىكى ساتقۇچى خادىملار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى، مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچىلارنىڭ تىجارەت تەسىراتىنى ئىگىلىدى ھەم مەبلەغ سېلىش پونكىتلىرىدىكى سېتىش ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، مەبلەغ سېلىش پونكىتلىرىدىكى مال ساتقۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق بۇيۇملىرىنى سېتىش خىزمىتى، باشقۇرۇش جەھەتتىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېكەتلەرنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە، ھەرىكەتتە پونكىتلار بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، پونكىتلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا، مۇدىر لى يۇڭفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، پونكىت، نۇقتىلارنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يوللارنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.!


分享到: