新闻详情

پەرھات تېرىنىرنىڭ پۇتبول ئارزۇسى ھەققىدە

发表时间:2021-09-25 14:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى

جۇڭگو پۇتبولى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن يىغلايدىغان ئادەمگە بەك ئېھتىياجلىق. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ كوماندىسى جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2 -لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەتنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشى پۈتۈن توردىكى توپ مەستانىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، بەزى تاراتقۇلار بۇنىڭغا يۇقىرىقىدەك باھا بەردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، توردا« پەرھات» نى ئىزدىگەندە، كۆپىنچىسى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ناخشىچىلار ئىدى؛ ھازىر« پەرھات» توردىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان بىر تىرېنېرغا ئايلاندى.

735e7f6eb44541b04470533751916a1e.jpg

ـــ مەن پەقەت بىر ئادەتتىكى ترېنېر. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۈن ـ تىنسىز ئاساسىي قاتلامدىكى سانسىزلىغان تىرېنېر، رېپىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئىككى يىلدا كۆڭۈل قويۇپ ياراتقان خەلقئارا بىلەن جىپسىلاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېر باشقۇرۇش كوللېكتىپىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

« 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن پەرھات مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: » مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 ـ بولۇش پەقەت بىر ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى، كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ كەڭ سەھنە بار بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ كۈرەش قىلىشىنى كۈتمەكتە. »

1994-يىلى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەسپىيلەشكەن تۇنجى يىلى پەرھات ئەينى ۋاقىتتىكى داليەن ۋەندا كۇلۇبىغا قاتناشقان ھەمدە كوماندىغا ئەگىشىپ تۇنجى نۆۋەتلىك A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

1995-يىلى، پەرھات ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى فوشەن كوماندىسىغا قۇشۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە 18-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئاساسلىق كوماندا ئەزاسى قاتارىغا كىرگەن، يەنە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان.

كەسپىي ھاياتى ئاخىرلىشىپ، 2002- يىلى، پەرھات تېرنىرلىق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىنىڭ مەشىق بازىسىغا   ئاتلانغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن، پەرھات شىنجاڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىسىدە، 16 ياشلىق ماھىر بارى   يىراقتىن توپ تېپىپ، نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن خەينەن كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

بىراق ئارزۇ بەك گۈزەل، رېئاللىق بەك رەھىمسىز.

تۇنجى مەيداندا شەندۇڭ كوماندىسى ئالدىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 6:0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالدى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ 5:0 نەتىجە بىلەن جياڭسۇغا يېڭىلىپ قالدى. گەرچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، لېكىن جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ يۈكسەك مۇداپىئە سېپى شىنجاڭنىڭ مۇداپىئەسىنى ئامالسىز قالدۇردى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ 0:3 نەتىجە بىلەن تيەنجىنگە يېڭىلىپ قالدى. گەرچە مەيداندا شىنجاڭ ئاخىرى توپ كونتىرول قىلىش ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ بۇلۇڭ توپ، ئورۇن بەلگىلەش توپلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا تەجرىبىسى كەمچىل.

شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇشنى باشتىن كەچۈردى. 2013 ـ يىلى 12 ـ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، قايتا باش كۆتۈرگەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى كۈچىيىشكە باشلىدى، شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، 2017 ـ يىلى يەنە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، 2021-يىللىق   مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 ـ لىككە ئېرىشتى.

كەسپىي توپچى بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ؛ 20 يىل ترېنېر بولغاندىن كېيىن، پۇتبولغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئىلگىرى بىز دائىم بىر توپچىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتۇق، كەسپىي پۇتبولنىڭ بىر توپچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا قويىدىغان تەلىپى ھەر قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ، سىزدە بىر روشەن كەمتۈكلۈك بولسا، پۇتبول يولىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئىدىيە-ئەخلاق سەۋىيەسى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ساپاسى، بەدەن ئىقتىدارى، بەدەن ساپاسى، تېخنىكا-تاكتىكا سەۋىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاندىلا، باشقىلار ئاسانلىقچە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. پۇتبول توغرىسىدا توختالغاندا، پەرھاتنىڭ سۆزلىرىدىن ئەيمىنىش ۋە ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.


分享到: