新闻详情

«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلار بار

发表时间:2021-09-15 11:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

جاڭ ئەپەندى كورلا شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچى بۇلۇپ، 15-چىسلا كورلا شەھىرى خەيباۋ توپ تارقىتىش بازىرىدىكى 65288021 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «خۇاجىنشيۇ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 10000 يۈەن.

15-چىسلا، جاڭ ئەپەندى كورلا شەھەرلىك 65288021 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ مەستانىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر قارار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دو تىكەتتى، جاڭ ئەپەندى « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىغا دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى يىگىتنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى رەڭگارەڭ لاتارىيە بىلىتى ناھايىتى چىرايلىق بۇلۇپ، جاڭ ئەپەندىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.

ـــ ۋاھ! ماڭا 100 يۈەن مۇكاپات چىقتى!- ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يىگىت ۋارقىرىۋەتتى، جاڭ ئەپەندى ئىككىسىنىڭ كۈچەپ قىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غەيرەتكە كەلدى، ئۇ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە پارچە « خۇاجىنشيۇ» نىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ساتقۇچىغا: « بۇ بىر نەچچە پارچىنى مەن ئالاي! »-دېدى، ساتقۇچى خادىم: « كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن، بۇ تېخى يېقىندا كەلگەن يېڭى بېلەت، تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ! »ـــ دېدى. ـــ «يېڭى بېلەت، ئۇنداقتا ياخشى، بۇ ئون پارچىنى مەن ئالاي!»-دېدى جاڭ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن.

جاڭ ئەپەندى بىر-بىرلەپ قىرىشقا باشلىدى، ئالدىنقى توققۇز پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن كىچىك مۇكاپات چىقتى، 10-پارچىسىغا كەلگەندە، ئۇ «مۇكاپات نومۇرى» 21 نىڭ «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئىككىنچى رېتىدە پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەگەر خالىغان بىر «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» نىڭ نومۇرى ئوخشاش بولسا، «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، 10-پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقتى! جاڭ ئەپەندى دەرھال يوپۇق ياپقۇچىنى پۈتۈنلەي قىرىۋەتتى، مۇكاپات سوممىسى 10000 يۈەن، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. ـــ «قېنى، قاراپ بېقىڭە، بۇ ئون مىڭ يۈەنغۇ دەيمەن؟»-جاڭ ئەپەندى ئىككى قولى بىلەن تىترەپ، لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا سۇندى. مال ساتقۇچى خادىم تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خۇشال ھالدا: ـــ «توغرا، توغرا، دەل 10 مىڭ يۈەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، ئاكا، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز!»-دېدى.

جاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتتى ھەمدە 16-چىسلا بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « ھەقىقەتەن تەلىيىم كەلدى، پەقەت باشقىلارنىڭ مۇكاپات ئېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈم قول سېلىپ سىناپ بېقىش ئارقىلىق 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ئۇيۇنى ھەقىقەتەن خۇشاللىققا تولغان، ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلار بار ئۇيۇن ئىكەن!»-دېدى.

分享到: