新闻详情

ما ئەپەندى«قوش رەڭلىك توپ»ئۇيۇنىدا 138145 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-16 10:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

      20-چىسلا، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2021068 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى 65318033 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى 10 يۈەنلىك «ئۆزى تاللاش + ماشىنىدا تاللاش» يەككە بېلىتى بىلەن بىر دو 2 ـ دەرىجىلىك، بىر دو 5 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 138145 يۈەن بولدى. 28-چىسلا، ما ئەپەندى ئايالىنى ئېلىپ قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى.

ما ئەپەندىدىن ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى قاچان بىلگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە مۇكاپات ئېچىلغان كۈنىلا بىلگەن ئىدىم، لېكىن ئايالىم ئىككىمىز بىر قەدەر تەمكىن بولۇپ، ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن كەلدۇق، ئىشقىلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمىز ئىنىق ، مۇكاپات بىزنىڭ تۇرسا، ئەجەبا يەنە قېچىپ كېتەلەمدۇ؟ مۇكاپات ئېلىش مۇددىتى ئىچىدە مۇكاپات ئالغىلى كەلسىلا بولىدۇ، شۇڭا نېمىگە ئالدىرايمىز؟»-دېدى، بۇ خىل تەمكىن روھىي ھالەت ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

ما ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ھەر خىل ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇب «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا قىزىقىپ، قەرەللىك دېگۈدەك سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. نومۇر تاللىغاندا، ئۇ نومۇرنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىگە ئاساسەن بىردىن ئىككىگىچە دو تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن يەنە بىر قانچە دو تاللاپ، بەش دو نومۇر يەككە لاتارىيە بېلىتى تەييار قىلىدۇ. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ما ئەپەندى مۇشۇنداق تاللىغان، پەقەت بۇ قېتىم تەلەي كېلىپ ئۇ 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ما ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەقىل-ئىدراكلىق بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى داۋاملىق تەقدىم قىلىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلىپ، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(قەشقەر شاۋشا)

分享到: