新闻详情

ئۈرۈمچىدە بىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

发表时间:2021-10-15 13:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ گېزىتى

WechatIMG79.jpeg


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سائەت 0دىن 10غىچە، (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى) تۇدۇڭخابا رايونىدا بىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىندى.

10ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، (ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى) تۇدۇڭخابا رايونىدىكى مال سېتىش مەيدانى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر كۈندە بىر قېتىم نورمال ھالەتتىكى نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر ئادەمنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويدى، ھازىر يۇقۇملانغۇچى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى شۇ كۈنى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، تەكشۈرۈپ چىقىلغان قويۇق ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئايرىش تېببىي كۆزىتىش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالاقىدار ئېقىنلارنى تەڭشەپ تەكشۈرۈش، نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، سورۇنلارنى دېزىنفىكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.



分享到: