ئۇلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى发表时间:2021-10-11 12:39作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى ___ تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش ئۆمىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» نىڭ دەۋر چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يېقىندا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى چۆچەك شەھىرىدىكى ساتقۇچىلارنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، قۇملۇق شامىلى سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يۇرت رىشتىسى چۆچەكلەرنى ئەسلەش» تېمىسىدىكى شېن تيەنشياڭنىڭ شەخسىي فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى شېن تيەنشياڭ مۇئەللىمنىڭ ئەسىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مەنزىرە تۈرى، پورترېت تۈرى، ئېتوت ئىجادىيىتى تۈرى، خاتىرە تۈرى (مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش) دىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. ئەسەردە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشتەك ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان. جەمئىيەتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېقىنىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. شېن تيەنشياڭ مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئوتتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە گۈزەللىكنى بايقاپ، سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەھەرنىڭ قىممەتلىك تارىخىي مەنزىرىسىنى خاتىرىلىگەن. بۇ يەردە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلار سۈرەت ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ چۆچەك شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش يولى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى ۋە يۇرتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن جانلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. مال ساتقۇچىلار ماڭغاچ كۆرۈپ، ئارىلاپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە خۇرسىندى:«بۇ سۈرەتلەردىن بىز يۇرتىمىزدىكى كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق، شۇنداقلا فوتوگرافلارنىڭ يۇرتقا بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز مەدھىيەسىنى ھېس قىلدۇق»-دېدى. بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت ياخشى بولىدۇ، مىللەت ياخشى بولىدۇ! دۆلەت، مىللەت ياخشى بولسا، ئائىلە ياخشى بولىدۇ! كۆپچىلىك يەنە بەس ـ بەستە مۇنداق دېيىشتى:«قايتىپ بارغاندىن كېيىن داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىپ، لاتارىيەچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنى كۆپرەك توپلاپ، يۇرتىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا كۈچ قوشىمىز!»-دېدى. |