ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ھەيران قېلىش ۋە ھاياجانلىنىش ئۇنىڭ ھازىرقى تەسىراتى ئىدى

发表时间:2021-10-15 11:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا قىزىقىدىغان لاتارىيەچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەر بىر لاتارىيەچى ئىنتىزار بولغان ئارزۇ ئىدى. نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر چوڭ مۇكاپاتنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلايدۇ، يەتتە سەككىز يۈەن – مىڭ يۈەندەك كىچىك مۇكاپات تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش، لېكىن بەلكىم سىز ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، مەيلى سىز ئۇزۇن مەزگىل جەڭ قىلغان «پېشقەدەم سەركەردە» ياكى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن «يېڭى ئەسكەر» بولۇڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىڭىز بار.

يېقىندا، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى گو ئەپەندى ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈستىدە توختالغاندا، گو ئەپەندى ئىنتايىن مەمنۇن بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە مىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتىم كۆپ ئەمەس، ئىسىمگە كەلسىلا بىر نەچچە دو تىكىمەن، بەزىدە مۇكاپات چىققان چىقمىغانلىقىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالىمەن.»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، گو ئەپەندى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى بولۇپ، ئادەتتە ئانچە كۆپ قىززىقىشى يوق ئىدى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشمۇ ئاندا-ساندا قىلىدىغان ئىش ئىدى. 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، گو ئەپەندى خۇڭمياۋزى يولى جىنتەي ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈپ، يول بويىدىكى 65010390 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى كۆرۈپ، ئىلگىرى «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، مۇكاپات چىققان ـ چىقمىغانلىقىغا قاراپ باقماقچى بولدى. ساتقۇچى خادىم سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن مۇكاپات چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى، گو ئەپەندى يەنە بەش دو «قوش رەڭلىك توپ» يەككە نۇمۇر تاللاپ دو تىكتى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، گو ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق « قوش رەڭلىك توپ» 2021099-قارار مۇكاپات نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، مۇكاپات نومۇرىنىڭ ئۆزى تاللىغان لاتارىيەدىكى بىر گۇرۇپپا قىزىل توپ نۇمۇر بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى. ـــ ئەجەبا چوڭ مۇكاپات چىقتىمۇ؟ بۇنچە كۆپ نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. گو ئەپەندى ئويۇن قائىدىسىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز سوغۇق نەپەس ئالدى، ئۇ شۇ قاراردا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، مۇكاپات سوممىسى 92627 يۈەن .

گو ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ھەم ھاياجانلانغانلىقىنى، ھەمىشە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. « بەخت بەك تۇيۇقسىز كەلدى» دېگەن سۆز گو ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتى بولۇپ، ئۇ بۇ پۇل بىلەن ئائىلە چىقىمىنى تولۇقلاپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8.png

分享到: