ئامەتلىك لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-10-26 11:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋ لى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەم ئالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېقىن دوستى بىلەن بىللە كوچا ئايلىنىشقا چىقتى. ئۇلار خېلى ئۇزاق ئايلانغاندىن كېيىن، قومۇل شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى كۆرۈپ، بېرىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالماقچى بولدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىشتىن بۇرۇن، مال ساتقۇچى شياۋشۈ قىزغىنلىق بىلەن سالاملاشتى، شياۋ لى بىلەن يېقىن دوستى بۇ قىزغىنلىقنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا كۈلۈپ تۇرۇپ مال ساتقۇچى شياۋشۈدىن تۆت پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى. شياۋلى ئىككى پارچە «ناھايىتى قالتىس» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، يېقىن دوستى ئىككى پارچە «نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتى ئالدى، يېقىن دوستىغا ئالدى بىلەن بەش يۈەن مۇكاپات چىقتى. شۇنىڭ بىلەن شياۋ لى يەنە قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچىسىدا ھېچنېمە چىقمىدى، ئىككىنچى پارچىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئوڭ بۇرجىكىدىن بىر « پۇتبول» نىڭ نەقىشى چىقتى، يېقىن دوستى خۇشال ھالدا: ـــ تەلىيىڭ يامان ئەمەس ئىكەن! ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 5 يۈەن چىقىدۇ، دەسمايىنى ساقلاپ قالدىڭ، يەنە بىرنى سېتىۋالساڭ بولغۇدەك!»-دېدى، يېقىن دوستىنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەستىنلا، شياۋ لىنىڭ ئالدى بىلەن بىر « 1» كۆرىندى، ئارقىدىنلا يەنە ئۈچ « 0» چىقتى، ئىككىيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا: « 1000 يۈەن چىقتى!»-دېدى، شياۋ لى ھاياجانلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئېشىپ قالغان بەلگىلەرنى توختىماي قىرىپ چىقتى، ئويلىمىغان يەردىن « پۇتبول» بارغانسېرى كۆپىيىپ، بەش دانە «پۇتبول» بەلگىسى چىقتى، ئىككىيلەن تەڭلا:« بەك ياخشى بولدى! 5000 يۈەن چىقتى!»-دېدى. شياۋ لى خۇشال ھالدا يېقىن دوستىغا: ـــ« يۈرۈڭلار! بىز بازار ئايلىنايلى، ئىستېمال قىلايلى! ئاندىن يەنە بېرىپ ياخشى تاماق يەيلى! ھەممىنى مەن تۆلەيمەن! قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى قالتىس ئىكەن! ئۇ بىزگە كاتتا مۇكاپات ئېلىپ كەلدى!»-دېدى. |