ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى لى ئەپەندى«شادلىق 8»ئۇيۇنىدا 33210 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-28 11:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ئوخشاش بىر نومۇردا ئۇدا ئىككى قارار مۇكاپات چىقتى، سىزنىڭچە بۇ ھەيران قالارلىقمۇ؟ پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8» ئۇيۇنى مانا مۇشۇنداق سىرلىق ئۇيۇن، بۇ يەردە بارلىق مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

لى ئەپەندى 65030067 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، بۇ بىر قانچە يىلدا ئىزچىل تۈردە « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ قايتىلانما دو تىكىش ئويۇنىنى ئويناپ، بەزى كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بۇ ئادەتتە تاكى بۇ يىل «شادلىق 8» نىڭ بازارغا سېلىنىشىغىچە داۋاملاشقان، يېڭى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشنى خالايدىغان لى ئەپەندى ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم «شادلىق 8» نى ئويناشقا باشلىغان لاتارىيەچىلەردىن بولۇپ، دەسلەپتىكى ئاپتوماتىك تاللاشتىن تارتىپ، يېقىندا ئەۋج ئالغان «شادلىق 8» ئۇيۇنى دەنتو دو تىكىش، قايتىلانما دو تىكىشلەرنى بىر بىرلەپ سىناپ باققان.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ئەپەندى يەنە ئادەتتىكىدەك «شادلىق 8» گە توققۇزنى تاللاش قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىگە دو تىكتى، بۇ دو نومۇر يېقىندىن بۇيان ئوبدان بۇلىۋاتقان بۇلۇپ، ساقلاۋاتقىلى بىر نەچچە كۈن بولغان ئىدى. 17- چېسلا كەچتە، «شادلىق 8» ئۇيۇنى مۇكاپاتى ئېچىلغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، بۇ قايتىلانما لاتارىيە بېلەتنىڭ مۇكاپات سوممىسى 33210 يۈەن بولغان.

8 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، ئۆيگە قايتقاندا ئۇ يەنە 65030067 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى. مال ساتقۇچى شياۋ ياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ لى ئەپەندىنىڭ قايسى نومۇرغا دو تىكىدىغانلىقىنى سورىدى. تېخىچە خۇشال بولۇۋاتقان لى ئەپەندى قايسى نومۇرنى تاللاشنى ئويلاپ باقمىغاچقا، ئالدىنقى كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنىڭ نومۇرىنى يەنە بىر قېتىم كىرگۈزۈپ، ئاندىن بېلەتنى ئېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

لى ئەپەندى ئۆيىدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يان تېلېفونىنى ئېچىپ مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، دەسلەپتە خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دېدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئالدىنقى باسقۇچتىكى مۇكاپات ئېچىش نومۇرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم توغرا چىققاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۆزى دو تىككەن توققۇزنى تاللاش قايتىلانما نۇمۇرىدىن يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، مۇكاپات سوممىسى 33210 يۈەن بولغان.

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە لى ئەپەندى يەنە شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولدى، ئۇ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ئۇنىڭ تەلىيىگە ھەيران قېلىشتى! لى ئەپەندىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئالدىرماڭلا ھە! مەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە سىلەرنى كۆرگىلى كېلىمەن!»-دېدى.

分享到: