新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى «نۇقتا توپ جېڭى» ئۇيۇنىدا 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-03 19:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« نۇقتا توپ جېڭى» قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدىكى كىلاسسىك ئۇيۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېشىل چىملىق پۇتبول مەيدانى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، لاتارىيە بىلەت يۈزىدە پۇتبول ۋارتاغا ئۇرلغان كۆرۈنۈش بار بۇلۇپ، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ۋاراتاغا يۈگۈرۈپ توپ ئۇرغاندىكى تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ قىممىتى بەش يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 10 دەرىجە، 1-دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، « نۇقتا توپ جېڭى»ئۇيۇنى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېيتۈن شەھىرى 65435102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى خۇاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر نەچچە دانە « نۇقتا توپ جېڭى» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، تەلىيىگە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، خۇاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، بىكارچىلىقتا دائىم 65435102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىرنەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدىكەن. لاتارىيە بېلەت تۈرىنى تاللاش جەھەتتە، بىر نەچچە خىل كىلاسسىك بېلەت تۈرى «ئون ھەسسە ئامەت» ، « ئاتقان ئوقى زايە كەتمەس» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ياقتۇرىدىغان بىلەت تۈرلىرى بولۇپ، ھەر قېتىم كەيپىياتىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان بېلەت تۈرىنى تاللاپ، ئوخشاش بولمىغان بېلەت تۈرى ئېلىپ كەلگەن ئوخشاش بولمىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىش، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، خۇاڭ ئەپەندى 65435102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، پونكىتتىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بىلىتى پوكىيى ئالدىدا، ئۇ بىر قاراپلا « نۇقتا توپ جېڭى» نى كۆردى. ئەينى چاغدا پونكىتتىكى « نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتىدىن ئاران ئون پارچىلا قالغان بولۇپ، خۇاڭ ئەپەندى ھەممىنى سېتىۋېلىپ ، بىر پارچىسىنى قىرىشى بىلەنلا، كىچىك مۇكاپات چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنىدىكى تەلىيى ئوڭدىن كەلگەنلىكىدىن خۇشال بۇلىۋاتقاندا كاتتا خۇشاللىق ئارقىدىنلا كەلدى، ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلەتتە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 200000 يۈەن بولدى.

خۇاڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا: « مېنىڭ تەلىيىم بەك ئوڭدىن كەلدى! كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تۇيغۇ، بەك پەيزى! قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى بەك قالتىس ئىكەن!»-دېدى.


分享到: