新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ خۇشاللىقى چەكسىز، لەززىتى تېخىمۇ چەكسىز

发表时间:2021-11-04 18:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«مەن ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتسەملا بىر نەچچە پارچە قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە لاتارىيە بېلىتى ۋە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتىم، لېكىن بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم!»، قەشقەر ۋىلايىتى تۇمشۇق شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋلى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھەرقانچە قىلسىمۇ كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي قالدى، ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى چوڭ مۇكاپاتنىڭ بەك تۇيۇقسىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى!

ئىگىلىنىشىچە، 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان شياۋلى تۇمشۇق شەھىرىدىكى يەرلىك كىشى ئىكەن. 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتە، شياۋ لى دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يەپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، تاماقتىن كېيىن 65453108 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشتەك روھىي ھالەت بىلەن، ئۇ ئون يۈەنلىك بىر دانە «جېڭداڭ خوڭ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدە 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئۇ بۇنى ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇكاپات پۇلىنى 20 يۈەنلىك «جېڭداڭ خوڭ» لاتارىيە بېلىتىگە ئالماشتۇرۇلدى، ئارقىدىنلا يەنە 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئۇ يەنە داۋاملىق بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى ئالماشتۇردى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ لاتارىيە بېلىتى ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كەلدى! شياۋلى لاتارىيە بېلىتىدىكى «مېنىڭ نومۇرۇم» دە « 28» نىڭ بارلىقىنى بايقىدى، بۇ نومۇر« مۇكاپات نومۇرى» دا جەمئىي ئالتە قېتىم پەيدا بولدى! تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، « مېنىڭ نومۇرۇم» دىكى« 02» يەنە تۆت قېتىم پەيدا بولدى! بىر لاتارېيە بىلىتىدە 10 قېتىم مۇكاپات چىقتى، ھەر قېتىملىق مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 100000 يۈەن بولدى! نېمىدېگەن تەلەيلىك! شياۋ لى ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، قايتا ـ قايتا سېلىشتۇرۇپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ، بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، شياۋ لى خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىدە ئون قېتىم مۇكاپات ئېرىشكىنىمگە ھەقىقەتەن ئىشىنەلمەيمەن، ھەقىقەتەن بەك قالتىس بولدى! قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ خۇشاللىقى چەكسىز، لەززىتى تېخىمۇ چەكسىز!»-دېدى.



分享到: