新闻详情

گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەندىن كۆرە، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بەرگەن ياخشى

发表时间:2021-11-17 19:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى شەھىرىدىكى ياش يىگىت شياۋ ۋاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىنى بەخت كۈنى دېيىشكە بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن ياخشى تەلەي ئۇنىڭغا «ياردەم قىلىپ» قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، شياۋ ۋاڭنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، ئىش ئورنى يىراق بولغانلىق سەۋەبلىك ئۇ بىر توكسىكلىت سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانىدى، لېكىن پۇل يېتىشمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋ ۋاڭ ئۆيدىكىلىرىگە ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولۇپ، ناھايىتى ئىچى پۇشۇپ كەتتى، ئۇ سىرتقا چىقىپ كۆڭۈل ئېچىپ كىرمەكچى بۇلۇپ سىرتقا چىقتى، دائىم لاتارىيە سېتىۋالىدىغان سانجى شەھەرلىك يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئەتراپىدىكى 65238022 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. شياۋۋاڭ بىر پارچە 3D ئۇيۇنى رەسىم جەدىۋېلىنى كۆرۈپ، تىتىلداپ كەتكەن كۆڭلى بارا-بارا تىنچلىنىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە دو سېتىۋالماقچى بولدى، بىر پېشقەدەم لاتارىيەچىنىڭ تەۋسىيە قىلغان دەنما نۇمۇر 9 بولۇپ، قىممىتى 21 ئىدى، بۇ شياۋۋاڭنىڭ ئويى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئىدى. تاللاش ئارقىلىق، شياۋۋاڭ « 795» دېگەن نومۇرنى تاللاپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بەش ھەسسە يەككە تاللاپ دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى دەل « 795» بولۇپ، شياۋ ۋاڭ بىراقلا 5200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مال ساتقۇچى دەرھال شياۋۋاڭغا تېلېفون بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، ئۆزىنىڭ 5000 يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، شياۋۋاڭ مال ساتقۇچىنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، يان تېلېفونى ئارقىلىق شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا كىرىپ 3D مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋۋاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«كونىلاردا "گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەندىن كۆرە، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بەرگەن ياخشى" دېگەن گەپ بار. پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ بۇ "ياردىمى" بەك ۋاقتىدا كەلدى، مەن توكسىكلىت سېتىۋالالايدىغان بولدۇم!» -دېدى.


分享到: