新闻详情

سانجىدىكى لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-24 12:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! يېقىندىن بۇيان سانجى ئوبلاستىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئامىتى ناھايىتى ياخشى بولدى! «قوش رەڭلىك توپ»، «شادلىق 8»، «3D»، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى مۇكاپاتلىرى خېلى كۆپ چىقتى، مانا 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە «شادلىق 8» ئويۇن مۇكاپات ئېچىلدى، خۇش خەۋەر يەنە كەلدى. لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ بىر نىيەت بىر مەقسەت قول تۇتۇشۇپ «شادلىق 8» ئۇيۇنى ئالتىنى تاللاش دەن تو مۇكاپاتى 46800 يۈەن ئېلىپ كەتتى.

16-چېسلا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىدا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى پەقەت مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەي لاتارىيەچىلەرنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى جاڭ ئەپەندى بىلەن باشقا ئۈچ نەپەر لاتارىيەچى بىرلىكتە سېتىۋالغان. يېقىندا، جاڭ ئەپەندى «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە « 5 دەن چۈەن تو» ئۇسۇلى ئارقىلىق 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە « 5 دەن چۈەن تو» ئۇنىڭ ھەر قېتىم دو تىكىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولدى، ئەگىشىپ ياكى بىرلىشىپ دو تىكىتىدىغان لاتارىيەچىلەرمۇ پەيدا بولدى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، جاڭ ئەپەندى ئادىتى بويىچە 65238011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، « شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، تونۇش لاتارىيەچى دوستلار ئۇنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس-بەستە ئەھۋال سورىدى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن شۇ كۈنى قايسى نومۇرنى تاللايدىغانلىقىنى سورىدى. جاڭ ئەپەندى « شادلىق 8» نىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئالدى بىلەن تېز سۈرئەتتە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، ئارقىدىن يەنە جىمجىت ئولتۇرۇپ تارقىلىش خەرىتىسىدىن نومۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا باشلىدى تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ دو تىكىش تىزىملىكىدە « 33، 48، 55، 62، 73» دىن ئىبارەت بۇ بىر نەچچە ساننى «دەنما» قىلىپ تاللاپ، «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە « 5 دەن چۈەن تو» لاتارىيە بىلىتىگە دو تىكمەكچى بولغاندا، بۇ كۆرۈنۈشنى بىر چەتتە تۇرۇپ تەتقىق قىلىۋاتقان لاتارىيەچى لاۋ ۋاڭ بىلەن لاۋ لى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى جاڭ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىللە ئوينىسا ئاندىن قىزىقارلىق بولىدۇ، بېسىمنى تارقاقلاشتۇرۇپ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى لاتارىيەنى دەرھال سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپات چىققانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، مۇكاپات سوممىسى 46800 يۈەن بولغان ئىدى، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرنى بىللە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان لاۋ ۋاڭ بىلەن لاۋ لىغا ئېيتقاندا، لاۋ ۋاڭ بىلەن لاۋ لى بەس-بەستە قاتتىق ھاياجانلىنىپ، جاڭ ئەپەندىگە چوقۇم رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى مۇكاپات چىققاندا يەنىلا تەلەيگە تايىنىدىغانلىقىنى، مەيلى قانچىلىك كۆپ سېتىۋالسۇن ياكى ئاز سېتىۋالسۇن، مادارىغا قاراپ ئىش قىلغاندىلا، ئاندىن تەلەيگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


分享到: