ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

لاتارىيەچى: بۇنداق ياخشى تەلەينىڭ داۋاملىق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

发表时间:2021-12-24 13:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

11-ئاينىڭ 13-كۈنى 3D ئويۇنى 2021303 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قەشقەر شەھىرى 65310187 پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە ئوسمان (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 30 ھەسسە يەككە دو تىكىپ، 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوسمان قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

ئوسمان ناھايىتى قىزىقچى بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئوسماننىڭ يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن سودا سارىيىدا بەش يىل جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ كەلگەن، سودىسى كۈندىن ـ كۈنگە روناق تاپتى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق قىزىقىشى يەنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «3D» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇردى. ئوسمان ئادەتتە سودا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان پاراۋانلىق لاتارىيە ئۇنىڭغا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئوسمان مۇنداق دېدى: « مەن تەلەينىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، مېنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلۇم ناھايىتى ئاددىي، يەنى " ئۆزۈم تاللاش + نومۇر ساقلاش" ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇچراشقان بارلىق سانلارغا مەن ناھايىتى سەزگۈر، ھەر قېتىم ئۇچراشقان نومۇرلارنى تاللاپ گۇرۇپپىلاپ، سېزىم ياخشى بولغان بىر قانچە دو نۇمۇرنى تاللاپ چىقىمەن. مەسىلەن، ماشىنا نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى ياكى تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار. مەن ئۆزۈم تاللىغان نومۇرغا ئىنتايىن ئىشىنىمەن، ئادەتتە ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن دو تىكىمەن.»-دېدى.

خىزمەتچى خادىملار ئوسماننىڭ «632» دىن ئىبارەت بۇ نومۇرنى قانداق تاللىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: « بۇ نومۇر ئەمەلىيەتتە دۇكىنىمنىڭ ئىشىك نومۇرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر دو « 636» نومۇر ماشىنامنىڭ ئاخىرقى نومۇرى، بۇ ئىككى دو نومۇرنى مەن ساقلىغىلى بىر ھەپتە بولدى، ئاخىر تەلىيىم كەلدى!»-دېدى.

مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، ئوسمان ئۆزىنىڭ تەلەي نومۇرىنى داۋاملىق تىزىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، خۇشاللىقنىڭ ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(قەشقەر شاۋشا)

分享到: