ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

قومۇل شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-01-04 16:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچ سائەت 7ىن ئاشقاندا، ما ئەپەندى قومۇل شەھىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 65228015 پونكىتىدا 15 دانە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش乘风破浪» نى سېتىۋېلىپ، تەلىيىگە 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ما ئەپەندى تاكسى شوپۇرى بولۇپ، ئادەتتە كۈندىزى تاكسى ھەيدەيدۇ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشىدۇ، بوش ۋاقىتلىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە ئوينايدۇ. 16-چېسلا دەل پەيشەنبە كۈنى ئىدى، كەچتە« قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، ما ئەپەندى دو تىكىش پونكىتىدا ئالدى بىلەن ئىختىيارىي ھالدا بىر قانچە « قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى تاللىدى، ۋە يانغا تىزىپ قويۇلغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، مال ساتقۇچى لاۋگاۋدىن سورىدى:« ئەڭ يېڭى چىققان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى بارمۇ؟ »، لاۋگاۋ كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن «جىنزىتا金字塔» بىلەن «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش乘风破浪» نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككى خىل لاتارىيە بىلەت تۈرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ يېڭى -دېدى. ما ئەپەندى ئىككى خىل بېلەتنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، قولى بىلەن بىر بولاق «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش乘风破浪» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى.

«دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش乘风破浪» لاتارىيە بىلەت تۈرىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، پەقەت يەلكەنلىك كېمە «رەسىم بەلگىسى» نى قىرىپ چىقساقلا، بۇ «رەسىم بەلگىسىنىڭ» نىڭ ئاستىدىكى ماس مۇكاپات سوممىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ما ئەپەندى قىرىپ تۇيۇقسز ، بىر يەلكەنلىك كېمە «رەسىم بەلگىسى» كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇ تۆۋەندىكى مۇكاپات سوممىسىغا تەپسىلىي قارىدى، بىر 3 نىڭ كەينىدە بىر قانچە نۆل بار ئىدى. جەزملەشتۈرۈش ئارقىلىق، ما ئەپەندى 300000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىلدى.

ما ئەپەندى قومۇل شەھىرى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە، مۇنداق دېدى:«بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ مۇكاپاتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزۈمگە تەۋە تاكسى سېتىۋالىمەن.»-دېدى.

(قومۇل شەھىرى ۋاڭ چىڭ، جاڭ لۇڭيۈ)


分享到: