新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە

发表时间:2022-01-12 18:09作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى


پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى كونا-يېڭى لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ قەلمەكتە. يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى شياۋ ۋاڭۆزگەرتىلگەن ئىسىم) پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ يېڭى ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى «يېڭى ماھىر» دېيشىكە بۇلىدۇ، مانا بۇ «يېڭى ماھىر» بىلىپ-بىلمەيلا 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، باشقا لاتارىيەچى دوستلار بۇ «يېڭى ماھىر» غا ھەۋەس قىلىشتى.

12-ئاينىڭ 25-كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ياخشى ئىدى، قۇياش نۇرى دەرەخ شاخلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاياغ ئاستىدىكى يەرلەرگە چۈشكەن بۇلۇپ، خۇددى باھاردىكى قۇياشقا ئوخشايتتى. ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان شياۋۋاڭ يېقىن دوستلىرى بىلەن بازارغا چىقىپ بازار ئايلاندى، چۈشتىن كېيىن ئىللىق قۇياش نۇرى ھەممە يەرنى قاپلىغان ئىدى. ئىككىيلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يېقىن دوستى شياۋۋاڭنى تارتىپ: ـــ «توختاپ تۇرۇڭ، مەن بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كېلەي-دېدى، شياۋ ۋاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: « بىللە بارايلى! مەنمۇ تەلەي سىناپ باقاي!»-دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەن 65410130 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكتىغا كېرىپ كەلدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كىيىن، شياۋۋاڭنىڭ دوستى تاقەتسىزلىك بىلەن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلەت كۆرگەزمە قېپىدىن قىممىتى 20 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىشقا باشلىدى.

كىچىك مۇكاپاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چىقىشىغا ئەگىشىپ، شادلىق سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى ئويناپ باقمىغان شياۋۋاڭ خۇشاللىق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۇ تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن، قىممىتى بەش يۈەنلىك «خۇشاللىق ئىچىدە 笑口常开» لاتارىيە بېلىتىدىن بىر پارچە ئالدى، خۇشاللىق بىردىنلا يېتىپ كەلدى، شياۋ ۋاڭ ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ مۇكاپاتنى كۆرۈپ ئۇ ئۆز جايىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ پىچىرلاپ: « بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشم، قىممىتى تۆۋەن، ئويناش ئۇسۇلى ئەڭ ئاددىي بىر پارچە لاتارىيە بىلىتى ئالغان ئىدىم، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتنىڭ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!»-دېدى، يېقىن دوستى شياۋ ۋاڭنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ: « ياخشى ئىش جۈپ بۇلىدۇ، يەنە بىر پارچە قىرىپ سىناپ بېقىڭ، بەلكىم يەنە كاتتا مۇكاپات چىقىشى مۇمكىن!»-دېدى، تېخى ئېسىگە كەلمىگەن شياۋۋاڭ قىممىتى 20 يۈەنلىك «موزى墨子» لاتارىيە بېلىتىنى بىر پارچە تاللىدى، ئاندىن ئاستا ـ ئاستا قىرىشقا باشلىدى، شياۋۋاڭنىڭ دوستى يېقىن كېلىپ كۆرگەندىن كېيىن: «ھەقىقەتەن خۇشاللىق قوش كەپتۇ!! سىزگە يەنە ئون مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، شياۋۋاڭ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ئۈچ قېتىم ئەستايىدىل سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.

شياۋ ۋاڭ ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « ھازىر مەن قىز دوستۇم بىلەن يېڭى يىلنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن! "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى ماڭا يېڭى يىللىق كاتتا سوۋغا ئېلىپ كەلدى، بۇ مۇكاپات بىلەن قىز دوستۇمغا ياخشىراق سوۋغات تاللىشىم كېرەك-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)



分享到: