新闻详情

مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققانلىق

发表时间:2022-01-13 18:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« 10 + 1» قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىدە 320 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 29 ـ تۈەندىكى گاۋ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سېپى ئۆزىدىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەستانىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە شىنجاڭدا تارقاتقاندىن باشلاپ، سېتىۋېلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ئىدى. «3D ئۇيۇنى ئەمدىلا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ مەن لاتارىيەنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، لاتارىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدىم، ئويناش ئۇسۇلى بارغانسېرى موللاشتى، مۇكاپات سوممىسى بارغانسېرى ئاشتى، شۇنداقلا بارغانسېرى قىزىقارلىق بولدى

پاراۋانلىق لاتارىيىسىنى ياخشى كۆرىدىغان گاۋ ئەپەندىمۇ تەبىئىي ھالدا « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، گاۋ ئەپەندى 65452804 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا« 10 + 1» قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،2021146-قارار «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. تاللانغان 11 نومۇرنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرى« 01، 07» ۋە ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرى« 11، 26» بار، يەنە ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىدىن ھاسىل بولغان« 22، 30» مۇ بار، دەل مۇشۇ ئالتە نومۇر بىرلىكتە « ياردەمچى كۈچ» بولۇپ، گاۋ ئەپەندى شۇ قاراردا 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 24 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 90 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 327850 يۈەن بولدى.

گاۋ ئەپەندى گەرچە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر قېتىمدا قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، گاۋ ئەپەندىنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىش سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى، ئايالىم دائىم: « بۇنچە كۆپ قېتىم سېتىۋالسىڭىزمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىڭىزنى كۆرمىدىم، نېمە ئەھمىيىتى بار؟ » دەپ ئاغرىناتتى. بۇ قېتىم مەن ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بېرىمەن، بىزمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمىز.

گاۋ ئەپەندى 27 ـ دېكابىر خوتۇنى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. گاۋ ئەپەندى خوتۇنىغا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئايالى بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قالدى. بۇ قېتىم ئايالى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگۈسى يوق ئىدى، لېكىن گاۋ ئەپەندى ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، خوتۇنىنى بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتكە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت قىلش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى.

« مەن ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىنى قوللىمىدىم ئەمەس، پەقەت ئۇ دائىم پۇل خەجلەپ لېكىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى، بۈگۈنكى بۇ كاتتا مۇكاپات ماڭا بەك چوڭ خۇشاللىق ئاتا قىلدى. گاۋ »-ئەپەندىنىڭ ئايالى ھاياجانلانغان ھالدا: « ئوغلۇم مۇھەببەتلىشىپتۇ، ئۆي سېتىۋالماقچى بوپتۇ، ئەمدى بۇ مەسىلە ھەل بوپتۇ، قارىغاندا بۇ لاتارىيەگە رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك! »-دېدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، گاۋ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ئەمەلىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭچە لاتارىيە سېتىۋېلىش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى قىلغانلىق، ئەگەر مۇكاپات چىقمىسا كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مېھىرەپقەت يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپات چىققان بولسا بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققانلىق بولمامدۇ! »-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

分享到: