新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى يىگىت 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-01-14 11:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى شياۋما (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئون مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، قەلبى ھەسەلدەك لەززەتكە تولدى. شياۋما سىچۇەندىكى يۇرتىدىن كۈنەس ناھىيىسىگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېىتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى. « مەن ئىزچىل قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغا ئامراق ئىدىم، لاتارىيە بىلەت يۈزى چىرايلىق، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، قىرىش ئارقىلىقلا مۇكاپات چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى، ناھايىتى قىزىقارلىق ئىدى. مەن ھەر قېتىم كۆپ سېتىۋالمايمەن، ئادەتتە بىر ئىككى پارچىلا سېتىۋالىمەن، بەلكىم مۇكاپاتقا ئېرىششىم مۇمكىن ئىدى»-دېدى.

12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شياۋما يەنە كۈنەس ناھىيەسى 65410203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، شۇ كۈنى ئۇ قىممىتى ئوخشاش بولمىغان لاتارىيە بېلىتىنى ئايرىم ـ ئايرىم قىرماقچى بولۇپ، بىر قارارغا كەلدى، ئۇ قولىدا قىممىتى 10 يۈەنلىك«كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 8» لاتارىيە بىلىتىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە قىرىشقا باشلىدى، نەتىجىدە «ئويناش ئۇسۇلى نىڭ قاپلاش پەردىسىدىكى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى شياۋما بىۋاسىتە قولغا چۈشۈردى.

بۇ قېتىمقى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن شياۋمانىڭ كۆڭلى لەززەتكە تولغان ئىدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « ئەسلىدە بىر مەزگىل كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، يەنە ئازراق پۇل توپلاپ، ئاندىن يۇرتىمغا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، چاغاننى بىللە ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم. ھازىر ياخشى بولدى، 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى مېنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)



分享到: