新闻详情

تەجىربىلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-03-01 18:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« بۇ قېتىم دو تىككەن نومۇردىن 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئەمەلىيەتتە بۇ نۇمۇرنى 5 ئايدەك ۋاقىت ساقلاپ كەلگەن ئىدىم، مېنىڭچە مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇمۇرنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىم بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار.»-دېدى 2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك ئەر ۋۇ ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە.

ئىگىلىنىشىچە، ۋۇ ئەپەندى بەش يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجىربىسىگە ئىگە بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆزلەر بولسا، ۋۇ ئەپەندى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتدۇ، «دەسلەپتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، مەن دائىم ئىختىيارىي نومۇر تاللايتتىم، بەزىدە سېزىمگە ئاساسەن دو تىكەتتىم، لېكىن ئىزچىل چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدىم، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ پەقەت ئارزۇلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، كېيىن نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ نومۇر ساقلاپمۇ ئامەتكە ئېرىشەلەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن نومۇر تاللاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، "دەرەخ تۈۋىدە تۇرۇپ توشقان كۈتۈش" ئۇسۇلىنى تاللاپ ئامەت كۈتتۈم. سىناپ باققاندىن كىيىن نومۇر ساقلاش ئۇسۇلى مېنى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئىگە قىلدى. ئىشەنمىسەڭلار، قاراڭلار بۇ كاتتا مۇكاپاتنىمۇ مەن نۇمۇر ساقلاش ئۇسۇل بىلەن قولغا كەلتۈرگەن»-دېدى ۋۇ ئەپەندى.

ۋۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ساقلاۋاتقان نومۇرنى خالىغانچە تاللاپ چىققان ئەمەس بۇلۇپ، مەسىلەن، بۇ قېتىمقى مۇكاپات نومۇرى «شادلىق 8» نىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئىزچىل چىقمىغان سوغۇق نومۇر ياكى چۈشۈپ قالغان نومۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، بۇ نومۇرلارنىڭ پات ئارىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ساقلاپ، 2- ئاينىڭ 11- كۈنى 10 دو ئالتىنى تاللاپ ئالتە چىقىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 30000 يۈەن بولغان.

«بۈگۈن دەل ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، بۇ مۇكاپات دەل ئايالىمغا بېرىدىغان سوۋغات بۇلىدۇ.» ۋۇ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەلەيگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ يەنىلا ئىزچىل ۋاز كەچمەي چىڭ تۇرغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرمىغان بولسا، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى، پەقەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن تەلەيگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە شۇنداقلا كېيىن ئۇ يەنە داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ، يەنىلا مۇشۇنداق لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا تۇرۇپ، كېيىنكى قېتىم يەنە بىر قېتىم كاتتا ئامەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى فېڭرۇي)

20220413

分享到: