新闻详情

ۋاڭ ئەپەندى ئامەتلىك ھالدا 86660 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-03-21 12:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كەچتە، سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچىلەر ئۈندىدار توپى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە بىر پېشقەدەم لاتارىيەچىنى تەبرىكلەشتى، ئۇ 80000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

«بۈگۈن ئەتىگەن، مەن 65232307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ساتقۇچىسى بىلەن يېقىنقى مەزگىلدىكى 3D ئويۇن مۇكاپات نومۇرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، 3D نىڭ يېقىندا تولۇق يەككە نومۇر چىقىپ باقمىغانلىقىنى بايقىدىم، ئاندىن تارقىلىش خەرىتىسىگە بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن «573» نىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن «573» نى 80 ھەسسە تاللاپ، ئارقىدىن يەنە 20 ھەسسە گۇرۇپپا بويىچە تاللاپ دو تىكتىم. شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى 2022051-قارار مۇكاپات نۇمۇرى « 573» بولۇپ، مەن ئۈندىدار توپىدىكى مۇكاپات نومۇرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم دو تىككەن نومۇرغا سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپات پۇلىنى ھېسابلاپ، كاتتا مۇكاپات ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، مۇكاپات سوممىسى 86660 يۈەن ئىدى، ئۆزۈممۇ ھاياجانلىنىپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم!»-دېدى ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 65232307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ كونا ئەزاسى بولۇپ، دائىم بۇ پونكىتقا قەدەم تەشرىپ قىلىپلا قالماي، يەنە مال ساتقۇچى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالغان. «ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيەدە ناھايىتى چىڭ تۇرىدۇ، ئۇ دائىم "لاتارىيە سېتىۋېلىشتا مۇھىمى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، يەنە روھىي ھالەتنى تەڭشەش كېرەك، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك" دەيتتى. لاتارىيە ئويناشتا ئۇ بىر كەسىپ ئەھلى ھېسابلىنىدۇـــ دېدى مال ساتقۇچى جانلىق بايان قىلىپ.

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تەتقىقاتى خېلى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كەسكىن ھالدا دەل جايىدا دو تىكىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. ـــ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ۋاڭ ئەپەندى دائىم تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ رەسىم سىزىدۇ، ياخشى دەپ قارىغان نۇمۇرغا بىر نەچچە ھەسسە دو تىكىدۇ، ياخشى ھېس قىلغان ھامان دو تىكىش ھەسسىلىك سانىنى كۆپەيتىدۇ، چوڭ ـ كىچىك مۇكاپاتلارنىڭ ئايغىى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ قېتىمقى 80 ھەسسىلىك يەككە تاللاش ۋە 20 ھەسسىلىك گۇرۇپپا تاللاشتا، مۇكاپات سوممىسى 86660 يۈەن بولۇپ، بۇ نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلارنى ھەيران قالدۇردى»-دېدى 65232307 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى باشقا لاتارىيەچىلەر دوستلار.


分享到: