新闻详情

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

发表时间:2022-04-29 12:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە يۇغۇرما تاراتقۇسى


ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى،ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىيەتتە مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىنى بايقىمىدى




ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ جيەنمېي

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەنۆكتاغ رايونى ئىككى نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلدى، بۇ ئىككەيلەن ئەر-ئايال مۇناسىۋەت بولۇپ، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يېپىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ دائىملىق خېسۈەن تەكشۈرۈشىدە دەسلەپكى تاسقاپ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت بولغان، كېسەللىكنى كونترول قىلىش تارماقلىرى قايتا تەكشۈرگەن خېسۈەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان. مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەنۆكتاغ رايونى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە رايونلارنى تېزدىن قامال قىلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، خېسۈەن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم تارقىلىشىنىڭ يامراپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كونترول قىلدى.

يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈركۈمگە بۆلۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، رايونلار بويىچە خېسۈەن تەكشۈرۈشنى ئۇدا قانات يايدۇردى. 28-ئاپرېل سائەت 0دىن 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10غىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەنۆكتاغ رايونىدا يېڭىدىن 18 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن بولۇپ، ھەممىسى 27-ئاپرېل دوكلات قېلىنغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 1 بىلەن ئۇچراشقانلار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن 27-ئاپرېل دوكلات قېلىنغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 1 نىڭ سىڭلىسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 1 نۆۋەتلىشىپ دەم ئالغان ۋاقىتتا سىڭلىسى بىلەن ئۇچراشقان، قالغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بولسا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 1 تۇرۇشلۇق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلغان ئورۇندىكى خىزمەتچى خادىملار. يۇقارقى خادىملارنىڭ ھەممىسى مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالاش تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان، ھەممەيلەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىغا يۆتكەپ ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە، تەكشۈرۈپ چىقىلغان زىچ ئۇچراشقان خادىملارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ داۋالاش تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈردى.

خېسۈەن تەكشۈرۈش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، خېسۈەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك مىسالىنى، بولۇپمۇ كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىنى بالدۇر بايقاپ، خەتەرلىك رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئېنىقلاپ ۋە بېكىتىپ، ۋاقتىدا قاراتمىلىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈشتە، مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە يېپىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرى دوكلات قىلغان 20 مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىدىن باشقا، جەمئىيەتتە مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىدى. شەھىرىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھىرىمىز كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رايونلار بويىچە خېسۈەن تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى، ساقسىز بولۇپ قالغاندا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشىنى، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاپ، توپلاشماسلىقىنى، ئاكتىپ ھالدا ماسكا تاقىشىنى، پات-پات قول يۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 14 كۈنگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى ساياھەت تارىخى بارلاردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللەەنت) بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە يۇغۇرما تاراتقۇسى

مۇخبىر: ساۋ كېشيەن، خې ۋېي.

يېڭى تاراتقۇ مۇھەررىرى: شۆ بىيىڭ

تەكشۈرۈپ بېكىتىش: ۋۇ يىجۈن، ۋاڭ جې


分享到: