新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋياڭ 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-14 15:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى 7 ـ كوچا ئېغىزىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش تور نۇقتىسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ تور نۇقتىسىدىكى ياش لاتارىيەچى شياۋ ياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ ئامىتى كەلدى، «66 شۈن 88 ڧا» 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 250000 يۈن بولدى، بۇ شياۋ ياڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشنى باشلىغاندىن بۇ يانقى تۇنجى قېتىملىق كاتتا مۇكاپات ئىدى. يېقىندا، تەلەيلىك لاتارىيەچى شياۋ ياڭ ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ كاتتا مۇكاپات پۇلىنى ئالدى.

4- ئاينىڭ 10- كۈنى سەھەردە، شياۋياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ، چۈشتىن كېيىنگىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دەل ئىككىيلەن يول بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقاندا، خىزمەتدىشى مۇنداق تەكلىپ بەردى: « شياۋياڭ، قاراڭ يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر پاراۋانلىق لاتارىيە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى سېتىش تور نۇقتىسى بار ئىكەن، ئىككىمىز بېرىپ بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقايلى»-دېدى، شياۋياڭ بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى 7 ـ كوچا ئېغىزىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە تور نۇقتىسىغا كېلىپ، ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئوخشىمايدىغان لاتارىيە بىلەت تۈرىدىن ئۈچ تالدىن تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، خىزمەتداشلىرى ئالدى بىلەن نەچچە ئون يۈەنلىك كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ئەمما شياۋياڭ بۇ تەرەپتە ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، قىممىتى ئون يۈەنلىك «66 شۈن 88 ڧا» لاتارىيە بىلىتى ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات ئېلىپ كەلدى- بىرىنچى دەرىجىلىك 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ مول نەتىجىنى كۆرۈپ، شياۋياڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي، ئۇدۇللا:«ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! مەن مۇشۇنداق ئاسانلا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! بۇ قانداقلا بولمىسۇن بىر خۇشاللىق ئىش، مەن دەرھال ئاتا-ئانامغا خۇشاللىقنى يەتكۈزىشىم كېرەك»-دېدى. ئويلىمىغان يەردىن تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئاتا-ئانىسى ئادەتتىن تاشقىرى تەمكىن بۇلۇپ شياۋياڭغا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى ياخشى   قىلىشنى ئېيتتى، شياۋياڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزى بىلەن ھاياجىنىنى بېسىۋالغانىدى.

شياۋياڭ:« ئەمەلىيەتتە مىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىم ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن، لاتارىيە سىېتىۋالغاندا ئازادىلىك ھېس قىلىمەن، مەن ياش بولغىنىمغا كۆپ قىزىقىشىم يوق، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مىنىڭ قىززىقىشىم، ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا ئانچە كۆپ پۇل خەلجىمەيمەن، شۇڭا ئۆيدىكىلىرىممۇ مېنى قوللايدۇ، مەن ئەزەلدىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان، شۇنداقلا بۇ قېتىم ئېرىشكەن چوڭ مۇكاپات مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر قىلمايدۇ،مەن داۋاملىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەنى داۋاملىق قوللايمەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: