新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى يىلپىز نومۇر (باۋزى خاۋ) نى كۈتىۋالدى

发表时间:2022-05-13 19:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«يىلپىز نومۇر (باۋزى خاۋ) <666> چىقتى، بۇنداق تىزلا چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەن تېخى ئەمدىلا بىر نەچچە قارار نومۇر ساقلىغان ئىدىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم!» 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە مۇكاپات نەقلەشتۈرىدىغان بىر ئەر كەلدى، ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا، بۇ ئەر ئىختىيارسىز خۇرسىندى ھەم يانچۇقىدىن بىر تال مۇكاپات لاتارىيەسىنى چىقىرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

لاتارىيە بىلىتىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاتارىيە بىلىتى 3D ئويۇنى 2022100 -قاراردا 50 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 52000 يۈەن بولغان. مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆپ يىللار ئىلگىرى ئۇ 3D ئويۇنىنىڭ كۈندە مۇكاپات ئېچىلىش، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە مەپتۇن بولۇپ، ئىزچىل 3D ئويۇنىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەڭ خۇشال بولىدىغان بىر ئىشى 3D ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بۇلۇپ، بىر نەچچە نومۇرغا دو تىكىپ تەلەينىڭ كىلىشىنى ساقلايدىكەن، ئەگەر سىزىمى ياخشى بولۇپ قالسا، ھەسسىلەپ دو تىكىدىكەن.

20-ئاپرېل سەھەردە، بۇ ئەر ئىدارىگە بېرىش يولىدا 65230171 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقان يىلپىز نومۇر « 666» غا 50 ھەسسە دو تىكىپ، ئاندىن ئىشقا باردى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەپسىلاتى تىلغا ئالغاندا، بۇ ئەر ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى:«شۇ كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا ياخشى ئىدى، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، كەيپىياتىم روھلۇق، ياخشى ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتىم. ئىلگىرى مەن چۈشلۈك دەم ئېلىش ئارىلىقىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى باراتتىم، شۇ كۈنى ئەتىگەندە كەيپىايتىم ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا بالدۇرلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا باردىم. ياخشىم سىزىم ھەقىقەتەن مۇھىم، شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى بىلدىم!»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەر:« ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا   "ئالتە يىلپىز (6 باۋزى) " نى كۈتىۋالدىم. كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مۇھىمى سىزىمىمگە تايىنىپ 50 ھەسسە دو تىككەن ئىدىم، بولمىسا بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيتتىم.»-دېدى. بۇ ئەر يەنە بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ياخشى ئامەتنىڭ يەنە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى    فېڭرۇي)

微信截图_20220514125926.png

分享到: