ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

گورى خان شاھرۇھ خاننىڭ «چاپىنىدا تەرلىگەن»مۇ؟

发表时间:2022-07-26 00:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:بوللىۋود

شاھرۇھ خان بىلەن گورى خان بوللىۋوددتىكى نەمۇنىلىك ئەر-ئاياللارنىڭ بىرى. شاھرۇھ خان 1989-يىلى تىياتىردا رول ئېلىش ئارقىلىق ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنگە كۈندە ئۇ دۇنيادىكى مىليونلىغان مەستانىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ رول ئېلىش ماھارىتى ۋە مىجەز-خۇلقى سەۋەبلىك ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئايالى گورى خان بولغان مۇھەببىتى سەۋەبلىكمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ نۇرغۇن زىيارەتلەردە گورى خاننىڭ ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى گورى خاننىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گورى خانمۇ بوش چوكان ئەمەس، شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى، «بوللىۋودنىڭ بىرىنچى خانىملىق» سالاھىيىتىدىن باشقا يەنە ھىندىستان دۆلەتلىك تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن، ھىندىستاندىكى داڭلىق لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، 2018-يىلى ھىندىستاندىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىلگىرى فىلىم ئىشلىگۈچى كاران جوھار گورى خاندىن «چولپان ئايالى»لىق سالاھىيتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ بۇ سالاھىيەتنىڭ ناھايىتى غەلىتە تۇيۇلىدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە داۋاملىق ياخشى خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ سالاھىيەت مېنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ، ماڭا بەك غەلىتە تۇيۇلىدۇ. مەن كىشىلەرنىڭ ماڭا نورمال ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىشىنى، مېنى چولپان ئايالى دەپ تونۇشنىڭ ئورنىغا خىزمەت نەتىجىلىرىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھېچكىمنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىشىنى خالىمايمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمنى داڭلىق شەخىس دەپ قارىمايمەن».

گورى خان نەتىجىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا كۆپ يىللاردىن بۇيان شاھرۇھ خاننى قوللاپ كەلدى. 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى شاھرۇھ خان كىنوچىلىق ساھەسىدە شانلىق 30 يىلنى تاماملىدى. گورى خان شاھرۇھ خاننى ئالاھىدە ئۇسۇلدا تەبرىكلىدى. گورى خان توردا شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى فىلىمى «پاتان»نىڭ تەشۋىق سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى. تەبرىك يازمىسىدا شاھرۇھ خاننىڭ مۇنەۋەر ئەر، كۆيۈمچان دادا ۋە ياخشى دوستلىقىدىن باشقا، مۇنەۋۋەر ئارتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى گورى خان داڭلىق ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىزمەت كۈنتەرتىپى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھامان ئامال قىلىپ بىر-بىرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاھرۇھ خانمۇ كۆپ قېتىم گورى خاننى ۋە ئۇنىڭ لايىھە ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ گزەل ئۆي ئىچى لايىھىلىگۈچى» دەپ ئاتىغان.

شارۇھ خان بىلەن گورى خان تۇنجى قېتىم مەكتەپتە ئۇچراشقاندا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ، ئارىيان، سۇھانا ۋە ئابراھام ئىسىملىك ئۈچ بالىسى بار. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى ئىجىل-ئىناق.

قىسقىسى گورى خان ھازىر سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر خىل كۈچكە ئايلاندى ھەمدە ئۆي ئىچى لاھىيەلەش كەسپىدە نام چىقاردى. گەرچە ئۇنىڭ ئېرى داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولسىمۇ، گورى خان ئۆزىنىڭ بازىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ماركىسىنى بەرپا قىلدى ھەمدە ھازىرقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۆي ئىچى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈز ۋە ئوڭلۇق مىجەزىگە قايىل بولىدۇ، خۇددى ئۇنىڭ ئېرىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ.


分享到: