ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىنجاڭ:يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەيدۇ

发表时间:2022-10-07 12:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ گېزىتى

QQ20201127-0.gif

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزات زادە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 ھازىر، يۇقۇم ئەھۋالى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەيدۇ. ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئىخچاملاپ يۈرۈشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇپ، بالدۇر بايقاپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تارقىلىش يوللىرىنى بالدۇرراق ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ «تۆت تەرەپ» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «ئوندا بىللە بولۇش»، «ئوندا تېز بولۇش» تەلىپى بويىچە، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قاتتىق ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىدۇ؛ خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھازىر بار بولغان خادىملار قوشۇنىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تەجرىبىخانا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بار بولغان ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ تەقسىملەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرىدۇ؛ دەرىجىگە، رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا دائىر قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئېلزات زادە مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما يۇقۇم مەزگىلىدە دۇچ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى، خەلق تورىنىڭ رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسى سۇپىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلسا بولىدۇ، بىز ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىلتىماس- تەلەپلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، سېتىش قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىمىز، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇمنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىمىز. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئائىلىدە ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ- ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، ماسكا تاقاش، قولنى پات- پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش، ئاز يىغىلىش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىدە چىڭ تۇرۇشىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە بۇرۇنقىدەكلا ماسلىشىشىنى، ئۇنى قوللىشىنى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: