ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

رومانو: مېسسى ھېچقانداق كوماندا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلمىدى

发表时间:2022-11-29 15:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:腾讯

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى مىئامى خەلقئارا كوماندىسى مېسسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئازلا قالغان بولۇپ، مېسسى كېلەر مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىغا قوشۇلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئىتالىيەلىك داڭلىق پۇتبول مۇخبىرى رومانو ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇنى ئىنكار قىلدى.

رومانو ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: «مېسسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تېخى قارار قىلمىدى. مېسسىنىڭ كوللېكتىپى مېسسىنىڭ دىققىتىنى پەقەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگىلا قارىتىدىغانلىقىغا، ھېچقانداق كۇلۇب بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.»

رومانونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشكارىلىشىچە، مىئامى خەلقئارا كوماندىسى مېسسىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىكەن، بىراق پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىمۇ پات ئارىدا مېسسىنى يېڭى توختام بىلەن تەمىنلەيدىكەن. مېسسىنىڭ بۇ قارارى 2023-يىلى چىقىرىلىدۇ.


分享到: