چېن ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 175 مىڭ 949 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2020-10-07 18:08来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا قىزىقىدىغان لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەربىر لاتارىيەچى ئىنتىزار بۇلىدىغان ئارزۇ، تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىكى مۇكاپات ئېچىش نەق مەيدانىدىكى قىزىل رەڭلىك توپ، كۆك رەڭلىك توپنىڭ سەكرىشىنى كۆرۈپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ قەلبىمۇ« ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ» . چېن ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ سادىق لاتارىيەچىسى، ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش «بازىسى» ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىدىكى 65010691 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى . 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چېن ئەپەندى ئەگەشمە نومۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 2020085- قاراردا ئىككى دو« قوش رەڭلىك توپ» غا دو تىكتى. ئويلىمىغان يەردىن، 4-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن 65010691 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋ جاۋنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى قۇبۇل قىلدى، ئەسلىدە چىن ئەپەندىم 1 دو « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 175 مىڭ 949 يۈەن بولغان. چېن ئەپەندى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىغا كېلىپ، دو تىكىش ماشىنىسىدىكى مۇكاپات پۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ« قوش رەڭلىك توپ» 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى. 4 ـ سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە كەلگەن لاتارىيەچى چېن ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « 9 ، 12 ، 30 مېنىڭ تەلەيلىك نۇمۇرۇم، بۇ نۇمۇرلار مەن ۋە ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا بۇ گۇرۇپپا نومۇرغا ئىزچىل ئەگىشىپ كەلدىم ، ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدىم. بۇ قېتىم ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ باقماپتىمەن.»-دېدى. چېن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: « قوش رەڭلىك توپ» ئويناشنى باشلىغاندىن بۇيان، ياخشى كۆرۈپ قالدىم، لېكىن چوڭ مۇكاپات ھامان ئاز ساندىكى كىشىلەرگە چىقىدۇ، ئۆزۈممۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمايمەن، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغاندا كۆپ قىسىم ۋاقىتتا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن سېتىۋالىمەن، مېھىر-مۇھەببەتنى لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئۆزۈمنىڭ ئالدىراش خىزمىتىمگە ئازراق خۇشاللىق بېغىشلايمەن دەپ قارايمەن. مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇ مۇكاپاتلارنىڭ بىر قىسمىنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن.» دېدى. ![]() |