ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامىرخان يۇقۇملاندى ، مەستانىلەرئەنسىرىمەكتە

发表时间:2021-03-24 20:55作者:爱酷艺网来源:腾讯网

640-24.gif640-59.png




ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: ئامىر خان كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇش بولغان ھىندىستانلىق رېژىسسور ۋە گىنات   ئارتىس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ نۇرغۇن داڭلىق كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم رول ئالغان، مەسىلەن« ئۈچ ئەخمەق» ، « چېلىشايلى! « دادا» ۋە« سىرلىق گىگانت يۇلتۇز» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇ   ھىندىستاندا دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىس دەپ ئاتالغان. لېكىن بۈگۈن« ھىندىستان تېز گېزىتى» ، « بۈگۈنكى ھىندىستان» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىر خان يېڭى   تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ، ھازىر ئايرىۋېتىلدى.

1616579450_539894.jpg

ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامىر خاننىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈردى: « ئامىرخان ھازىر ئۆيىدە ئۆزىنى ئايرىپ، بارلىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئەھۋالى ياخشى. ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان بارلىق كىشىلەر تەكشۈرتىشى كېرەك. ئۇ يەنە مەستانىلەرنىڭ قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ، دېدى.

1616579450_345579.jpg

ئامىر خان باش رول ئالغان ھىندىستان نۇسخىسىدىكى « ئاگەننىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز.


分享到: