新聞詳情

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ يېڭى مەزمۇنى ئاشكارلاندى

發表時間:2020-12-12 16:38作者:دىلارە來源:ئەلكۈيى تورى

2.gif



    ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى:«شىنجاڭ سەركەردە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» تاجدارلىقىنى ئۈز ئۈستىگە ئالغان، ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم رىياسەتچىلىكى بىلەن روياپقا چىققان، يۈرەكتە يادلانغان دىل سۆزلەر، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ۋە چىرايلىق ھېكايىلەر بىلەن بېزەلگەن، يېڭى نادىر كۈيلەر يانداشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى پروگرامما «خۇش كەلدىڭىز»نىڭ توققۇزىنچى قىسمى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلىدۇ، بۇ ساندىكى يېڭى ساندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسىدىكى تۆت كۈچلۈك ناخشىچى قاتارىغا كىرگەن ئۇقۇغۇچىسى ، دەۋر كۈيچىسى شىرئەلى غېنى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنىش جەريانىدىكى ئارقا سەھنە كۆرۈنۈشلىرى بۈگۈن ئابدۇللا ئىشخانىسى تەرىپىدىن تورداشلارغا ئاشكارىلاندى.ھەممەيلەننىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنماقچى بولغان يېڭى سان پروگراممىنى ۋاقتىدا كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

未标题-1.jpg

مەزكۇر پروگرامما شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن پۈتۈنلەي يېڭى بولۇش بىلەن بىرگە، سەنئەت ساھەسىدىكى سىز قەلب تۆرىڭىزدىن ئورۇن بەرگەن زاتلارنىڭ يۈرىكىگە يۇشۇرۇنغان ئەڭ گۈزەل ھېكايىلەر، قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان كەچمىشلەر، سىز ئاڭلاپ باقمىغان، بىراق ئاڭلاشنى، بىلىشنى ئىستەيدىغان دىل سىرلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز يەنە پۈتۈنلەي يېڭى بولغان، بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان نادىر كۈيلەرگە جۆر بولغاچ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن باشقا ئىشتىراكچىلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر مەنىگە، يومۇرىستىك تۈسكە ئىگە بولغان پاراڭلاردىن بەھرىمان بولالايسىز، ھەمدە ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىىسىدىكى مېھىر – ۋاپا، ھەمكارلىقنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنىڭ مەنىسىگە يەتكەندەك بولىسىز!

640-42.png

ئەسكەرتىش: ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالىدىكى ھەرقانداق مەزمۇننى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەرقانداق سالون ۋە تاراتقۇنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا ، رەسىمگە تارتىپ رەسىم شەكلىدە توردا ئېلان قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:迪拉热

640-529.jpeg

www.alkuyi.com


2.gif

分享到: